د ئۇ ق نۇر بەكرىنىڭ يەنە رەئىسلىككە سايلانغانلىقىنى تەنقىد قىلدى

د ئۇ ق ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى رەئىسى نۇر بەكرىنىڭ يەنە رەئىسلىككە سايلانغانلىقىنى تەنقىدلەپ: بۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش، دىنىي، مەدەنىيەت ۋە تىل جەھەتتىكى تەقىب قىلىش سىياسىتىدە ئۆزگىرىش بولمايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، دەپ كۆرسەتتى.

«ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12‏-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1‏-قېتىملىق يىغىنى» پەيشەنبە كۈنى نۇر بەكرىنى يەنە بىر قېتىم ئاتالمىش رەئىسلىككە سايلىغان. نۇر بەكرى قوش تىللىق مائارىپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش، دىنىي ۋە سىياسىي ئۆكتىچىلەرنى قاتتىق باستۇرۇش سىياسىتىنى ئىزچىل ئاكتىپ ئىجرا قىلىپ، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان.

ئۇ، 2009‏-يىلى «5-ئىيۇل ۋەقەسى» دە بارلىق مەسئۇلىيەتنى ئۇيغۇرلارغا ئارتىپ، ۋاڭ لېچۈەننىڭ قاتتىق باستۇرۇش سىياسىتى قوللىغان. نۇر بەكرى 2015‏-يىلغىچە ئاپتونوم رايوننىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىمىنى بىر قاتلايدىغانلىقى، 2020‏-يىلغىچە ئومۇمى ئىشلەپچىقىرىش دارامىتىنى 2010‏-يىلقىدىن ئۈچ قاتلايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

د ئۇ ق دىلشات رىشىت، نۇر بەكرىنىڭ سايلىنىشى قانۇنسىز ۋە ئۇيغۇرلارغا ۋەكىللىك قىلالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ: نۇر بەكرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ۋەكىللىك قىلىدىغان ھېچقانداق سالاھىيىتى يوق. ھازىرقى ئاپتونوم رايوننىڭ ئۆزىمۇ ئۇيغۇر خەلقى بىلەت تاشلاپ بىردەك قوبۇل قىلغان قانۇنلۇق مەمۇرى رامكا ئەمەس، دەپ كۆرسەتتى.

دىلشات رىشىتنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، نۇر بەكرى ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن بۇيان ئىزچىل «قوش تىللىق مائارىپ» نى كۈچەپ يولغا قويۇپ، دىنىي باستۇرۇشنى خىتايغا ھەمكارلىشىپ قاتتىق يۈرگۈزۈپ كەلگەن.

نۇر بەكرى قۇرۇلتايدا قىلغان سۆزىدە يەنە، رايوندىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ مۇرەككەپلىكى ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك، ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.