نۇر بەكرى ئۇيغۇر ئېلىدە «ئۈچ خىل كۈچ» كە زەر بېرىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى قايتا تەكىتلىدى

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تەيىنلەنگەن رەئىسى نۇر بەكرى شەنبە كۈنى ئۇيغۇر ئېلىدە جەمئىيەت مۇقىملىقىنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇش ۋە «ئۈچ خىل كۈچ» كە زەربە بېرىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى قايتا تەكىتلىگەن.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىدا نەقىل قىلىشىچە، نۇر بەكرى بۇلارنى بېيجىڭدا ئېچىلىۋاتقان ئىككى قۇرۇلتايغا قاتنىشىدىغان ئۇيغۇر ئېلى ۋەكىللىرىگە قىلغان سۆزىدە ئوتتۇرىغا قويغان.

نۇر بەكرى مۇنداق دېگەن: شىنجاڭدا تەرەققىياتنى ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن بىرگە، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى ساقلاشنى ئەڭ مۇھىم خىزمەت قاتارىغا قويۇش كېرەك.

بەكرى يەنە، ئۇيغۇر ئېلى ئومۇمىي ۋەزىيىتىنى قوغداش ئۈچۈن، بۆلگۈنچىلىككە زەربە بېرىشىنى ئەڭ ئالدىنقى قاتارغا قويۇپ، «ئۇچ خىل كۈچ» لەرگە «قاتتىق زەربە بېرىش» كېرەكلىكىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويغان.

نۇر بەكرى يەنە مۇنداق دېگەن: شىنجاڭنىڭ ۋەزىيىتى چوڭ جەھەتتىن مۇقىم، چوڭ جەھەتتىن كونترول ئاستىدا، چوڭ جەھەتتىن ياخشىلىنىپ كېتىۋاتىدۇ.

نۇر بەكرى ئىلگىرى «تەرەققىيات ئۇيغۇر ئېلى مۇقىملىقىنىڭ كاپالىتى» ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.