نۇربەكرىنىڭ ئامېرىكا زىيارىتى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلاردىن مەخپىي تۇتۇلدى

خىتاينىڭ شىنخۇا تور بېكىتى 17-ئاپرېل كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى نۇربەكرىنىڭ 11-ئاپرېلدىن 16-ئاپرېلغىچە ئامېرىكىدا زىيارەتتە بولغانلىقىنى ھەم مىسسۇرى شتاتى بىلەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئوتتۇرىسىدا دوستلۇق كېلىشىمى تۈزگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

ئەمما، نۇربەكرى باشچىلىقىدىكى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئۆمىكىنىڭ بۇ قېتىملىق زىيارىتى، زىيارەتتىن ئىلگىرى ھەم زىيارەت مەزگىلىدە خىتايدىكى ھەرقانداق مەتبۇئاتتا ئېلان قىلىنمىدى.

بۇندىن ئىلگىرىمۇ ئامېرىكىدا زىيارەتتە بولغان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئەمەلدارلىرىدىن جاڭ چۈنشەن قاتارلىقلارنىڭ زىيارىتى، ئۇلار ئامېرىكىدىكى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىنلا خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا ئېلان قىلىنغان ئىدى.

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار خىتاي دائىرىلىرىنىڭ نۇربەكرى ھەم جاڭ چۈنشەنگە ئوخشاش ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقى كۈچلۈك بولغان خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ ئامېرىكا زىيارىتىنى مەخپىي تۇتۇشىنىڭ سەۋەبى ئەمەلىيەتتە، چەتئەللەردىكى خىتايغا قارشى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى ئەڭ كۆپ توپلانغان ئامېرىكىدا قارشىلىققا ئۇچرىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئۆز بايانىدا مۇنداق دېدى:
«نۇربەكرىگە ئوخشاش ئەمەلدارلار ھېچقاچان ئۇيغۇرلارنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلمايدۇ. ئەكسىچە نۇربەكرى نۆۋەتتە ئۇيغۇر رايونىدا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان قوش تىللىق مائارىپ نامىدىكى ئۇيغۇر تىلىنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش، ئۇيغۇر قىز-ئوغۇللىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئەرزان ئەمگەك كۈچى قىلىپ يۆتكەشتەك بىر قاتار سىياسەتلەرنىڭ يۈرگۈزۈلۈشىدىكى باش جاۋابكار. شۇڭا نۇربەكرىدەك ئەمەلدارلار چەتئەللەردىكى زىيارىتى مەزگىلىدىلا، ئۇلارغا قارشى پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلاردىن ئېھتىيات قىلىپ قالماستىن، بەلكى ئۇيغۇرلارنىڭ زېمىنى ئىچىدىمۇ خەلقنىڭ نەپرىتىگە ئۇچرىماقتا. تېخى يېقىندىلا تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردۇغاننىڭ ئۈرۈمچى زىيارىتى مەزگىلىدە، نۇربەكرىنىڭ ئۈرۈمچى كوچىسىدا پىيادە مېڭىشنى رەت قىلىشىنىڭ ئۆزىلا نۇربەكرىدەك ئەمەلدارلارنىڭ ھەر ۋاقىت دەككە-دۈككىدە ياشايدىغانلىقىنىڭ ئىسپاتى.»