خىتاينىڭ تەڭرىتاغ تورىنىڭ بۈگۈنكى بۇ خەۋىرىدە بىلدۈرۈشىچە، نۇر بەكرى ئالدى بىلەن مۇقىملىقنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە سۆز ئاچقان ۋە خەلقنى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنى قوللاشقا شۇنداقلا ئىككى بىلىكىنىڭ كۈچىگە تايىنىپ بېيىشقا چاقىرغان.
ئاشكارىلىنىشىچە، نۇر بەكرى زىيارىتىدە باشتىن-ئاخىر خوتەن خەلقىنىڭ رامزان كۈنلىرىنىڭ قانداق ئۆتۈۋاتقانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق ئېغىز ئاچمىغان. تولۇقسىز مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، قاراقاش ناھىيىسى خىتاينىڭ 5 -ئىيۇلدىن كېيىنكى تۇتقۇن ۋە باستۇرۇشلىرىدا ئەڭ ئېغىر زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ناھىيە بولۇپ، 5-ئىيۇلدىن كېيىن ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغانلار سانى 200دىن ئارتۇق.
خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، خوتەن يېقىنقى يىللاردىن بېرى مىللىي قارشىلىق ھەرىكەتلىرى شىددەتلىك تۈستە يۈز بېرىپ تۇرۇۋاتقان بىر رايوندۇر. بۇلتۇر 18 نەپەر پىدائىي خوتەندە ناۋاغ ساقچىخانىغا ھۇجۇم قىلىپ ساقچىخانا ئۆگزىگە شەرقى تۈركىستان بايرىقىنى قادىغان. ئۆتكەن ئايدا يەنە 6 نەپەر پىدائىي خوتەندە ئايرودرومدىن ئۇچقان بىر ئايروپىلاننى بۇلاشقا ئۇرۇنۇپ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى مەيدانىنى دۇنياغا جاكارلىغان ئىدى.
ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر، نۇر بەكرىنىڭ رامزان مەزگىلىدە خوتەننى زىيارەت قىلىپ خوتەن خەلقىنى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنى قوللاشقا چاقىرىشىنى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ خوتەن ۋەزىيىتىدىن يەنىلا ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسى دەپ قاراشماقتا.
