نۇر بەكرى : خىتايچە ئۆگىنىش شىنجاڭدا تېررورلۇققا قارشى كۈرەشكە پايدىلىق

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى نۇر بەكرى، يەرلىك ئوقۇغۇچىلارغا خىتاي تىلى ئۆگىتىشنىڭ رايوندا تېررورلۇققا قارشى كۈرەشكە پايدىسى بارلىقىنى تەكىتلىگەن.

" جۇڭگو گېزىتى " نىڭ بۇ ھەقتىكى بىر خەۋىرىگە قارىغاندا نۇر بەكرى مۇنداق دېگەن: "قوشنا ئەللەردىكى تېررورچى ئۇنسۇرلار ئۆزىگە خىتايچىنى سۆزلىيەلمەيدىغان، جەمئىيەتنىڭ ئاساسى ئېقىمىنىڭ سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنى تاللايدۇ. ئاندىن ئۇلارنى ئالداپ تېررورلۇق پائالىيەتلەرگە سالىدۇ."

نۇر بەكرىنىڭ مەزكۇر باياناتى، چەتئەلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلار خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا خىتاي تىلىنى تېڭىشتىكى سەۋەبىنى ئۇيغۇر تىلىنى قالدۇرۇپ، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى ئاسسىمىلىياتسىيە قىلىشنى مەقسەت قىلغان سىياسىي غەرەزلىك پىلان، دەپ تەنقىدلەۋاتقان مەزگىلدە ئېلان قىلىندى.

نۇر بەكرى "جۇڭگو گېزىتى" دىكى باياناتىدا يەنە خىتايچىلاشتۇرۇشنى ماختاپ، خىتايلار بىلەن ئالاقە قىلىش ئارزۇسىدىكى يەرلىك مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىدا خىتاي تىلى ئۆگىنىش تەلىپى بارلىقىنى بىلدۈرگەن شۇنداقلا "ئوقۇغۇچىلار خىتاينى بىلىشتىن پايدا تاپتى. بىز ئۇلارنىڭ تىل ئۆگىنىشىگە شارائىت ۋە مۇھىت يارىتىپ بېرىۋاتىمىز،" دېگەن.

لېكىن ئۇ، خىتايچىنىڭ ئۇيغۇرلارغا مەجبۇرىي تېڭىلغانلىقىنى رەت قىلىپ، خىتايلارنىڭ يەرلىك مىللەت تىلىنى ئۆگىنىشكە ئىلھاملاندۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى 2002 ‏ - يىلدىن بېرى ئۇيغۇر ئىلىدىكى يەسلى ۋە باشلانغۇچ مەكتەپلەردىن باشلاپ خىتاي تىلدا ئوقۇتۇشنى يولغا قويغان ئىدى.

لېكىن خىتاينىڭ بۇ سىياسىتى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، يەرلىك مىللەتلەر ھوقۇقىنى قوغداش ئورگانلىرى ۋە غەرب پارلامېنتلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچراپ، يەسلى ۋە باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ساغلام يېتىلىشىدە ئانا تىلنىڭ مۇھىملىقى تەكىتلەنگەن ئىدى.