نۇر بەكرى سوتسىيالىزم قىممەت قارىشىنى مەركەز قىلغان مائارىپنى يولغا قويۇشنى تەكىتلىدى

خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون رەئىسى نۇر بەكرى يېقىندا، مەكتەپلەرنىڭ كوممۇنىست پارتىيە سېكرىتارلىرىنى تەربىيىلەش كۇرسىدا سۆز قىلغان.

خىتاينىڭ شىنجاڭ گېزىتىدە بايان قىلىنىشىچە، نۇر بەكرى سۆزىدە، مەركەزنىڭ مائارىپنىڭ سۈپىتىنى ياخشىلاش توغرىسىدىكى چوڭ پىلانىنى ئىجرا قىلىشقا دەرھال باشلاشنى، خىتاينىڭ شىنجاڭنى مۇقىم قىلىش ئۈچۈن، سوتسىيالىزم قىممەت قارىشىنى مەركەز قىلغان مائارىپنى يولغا قويۇش لازىملىقىنى تەكىتلىگەن.

ئۈرۈمچى شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ ئاشكارىلاپ قويۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇلتۇردىن باشلاپ ھازىرغا قەدەر، ئۈرۈمچىدە خەلق ئۆزلىرى قۇرغان چوڭ - كىچىك شەخسى مەكتەپتىن 232 نى تاقاپ بولغان.

خىتاينىڭ خەلق ئىشلار تارماقلىرى قاتارلىق ھەرخىل ئورگانلىرى بۇ مەكتەپلەردە يۇشۇرۇن مەسىلىلەر ساقلىنىۋاتىدۇ، دەپ ئەيىبلەپ چىققاندىن كېيىن، خەلق ئۆزى قۇرغان بۇ مەكتەپلەرنىڭ 48 نى ئوقۇتۇش سۈپىتى ئۆلچەمگە توشمايدۇ، دېگەن نام بىلەن، 140 نى ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئۈنۋانى يوقكەن، دېگەن نام بىلەن تاقىغان. بۇنىڭ 73 ى تاقىلىپ قايتىدىن ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن بولسىمۇ، ئۇنى بۇيىل كىرگەندىن كېيىن يەنە مەجبۇرىي تاقىۋەتكەن.