شىنخۇا ئاگېنتلىقىدا كۆرسىتىشىچە، نۇر بەكرى خوتەندە 17 - فېۋرالدىن 19 - فېۋرالغىچە تۇرغان ۋە خىتاينىڭ ھەربىي، قوراللىق ساقچى قىسىم، ساقچى ئەترەتلىرى ۋە بىر قىسىم يەرلىك كادىرلارنى يوقلىغان.
خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋ ئۇيغۇر ئېلى خىزمىتىگە ئالاقىدار يوليورۇق بەرگەن بولۇپ، نۇر بەكرى خوتەندە خۇ جىنتاۋنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى ھەققىدىكى سۆزلىرىنىڭ روھىنى يەتكۈزگەن.
نۇر بەكرى يەنە، خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مۇقىملىقى ھەققىدە چۈشۈرگەن ئىستراتېگىيىلىك سىياسىتى ھەققىدە ئورۇنلاشتۇرۇش ئېلىپ بارغان ۋە مۇقىملىق ۋە ئىتتىپاقلىقنى چىڭ تۇتۇشنى تەلەپ قىلغان.
نۇر بەكرىنىڭ ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان خوتەن دىيارىنى چاغان مەزگىلىدە يوقلىشى ۋە بۇ رايوندا تۇرۇشلۇق خىتاي قوراللىق قىسىملىرىدىن ھال سورىشى خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتى خوتەن - قەشقەر تۆمۈريولىنى جىددىي ياساشنى تەلەپ قىلىۋاتقان مەزگىلگە توغرا كەلدى.