نۇر بەكرى: 'شىنجاڭنىڭ ئامانلىق ۋەزىيىتى بۇلتۇرقىدىنمۇ جىددى'

بېيجىڭدا خىتاينىڭ ئىككى يىغىنغا قاتنىشىۋاتقان ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى رەئىسى نۇر بەكرى جۈمە كۈنى چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ " شىنجاڭنىڭ ئامانلىق ۋەزىيىتى بۇلتۇرقىدىنمۇ جىددىي، توقۇنۇشلار تېخىمۇ كۈچىيىشى مۇمكىن" دېگەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﮔﯜﻟﭽﯧﻬﺮﻩ
2009-03-06
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئەنگلىيە ب ب س رادىئو تېلېۋىزىيىسىنىڭ جۈمە كۈنىدىكى خەۋىرىدە نۇر بەكرىنىڭ سۆزلىرىدىن نەقىل ئالغان بولۇپ، نۇر بەكرى " بۇ يىل جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقى، بۇ چوڭ تەبرىكلەش پەيتىدە چېگرا ئىچى ۋە سىرتىدىكى دۈشمەن كۈچلەر بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرى ئېلىپ بېرىشتىن باش تارتمايدۇ، ھۆكۈمەتكە ھۇجۇم قىلىش، ھەر خىل ۋاسىتىلەر بىلەن سىڭىپ كىرىش، بۇزغۇنچىلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ بېرىشى مۇمكىن" دېگەن.

ب ب س نىڭ خەۋىرىدە ئۇيغۇر ئېلىدىكى يەرلىك خەلقلەرنىڭ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ كۆپ ساندىكى خىتاي نوپۇسىنى ئۇيغۇر ئېلىگە يۆتكىشىگە ۋە بۇ جايدىكى مۇسۇلمانلارغا قاراتقان باستۇرۇشقا نارازى ئىكەنلىكى ۋە 2008 - بېيجىڭ ئولىمپىكى جەريانىدا ئۇيغۇر ئېلىدە ھۆكۈمەتكە قارشى بىر قاتار ھۇجۇملارنىڭ سادىر بولغانلىقى، شۇنداقلا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە مۇقىملىقنى كۈچەيتكەنلىكى ۋە ئۆتكەن يىلى 11 ئاي جەريانىدا دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سېلىش جىنايىتى بىلەن 1259 ئادەمنى تۇتقۇن قىلغانلىقى قەيت قىلىنغان.

بۈگۈن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت نۇر بەكرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بۇ يىلقى مۇقىملىق ۋەزىيىتى ھەققىدە ئېيتقانلىرىغا قارىتا جىددىي ئىنكاس قايتۇرۇپ خەلقئارالىق مەتبۇئات ئورگانلىرىغا بەرگەن باياناتىدا " خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا سىستېمىلىق ھالدا باستۇرۇشنى كۈچەيتىشى ۋەزىيەتنى تېخىمۇ كەسكىنلەشتۈرۈۋاتىدۇ، 60 يىلدىن بۇيان ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ تاڭغان ئاتالمىش ئاپتونومىيىسىنى ھېچقاچان قوبۇل قىلغىنى يوق، نۆۋەتتە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتىنى جىددىي دەپ كۆرسىتىشى،تېخىمۇ زور باستۇرۇش ئېلىپ بېرىشقا باھانە ئىزلەۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسى" دەپ تەكىتلىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت