نۇر بەكرى 2020-يىلىغىچە ئۇيغۇر مائارىپىنى خىتاي ئۆلچىمىگە يەتكۈزۈشنى ئورۇنلاشتۇرغان

ئۈرۈمچى خەۋەر تورىدا بايان قىلىنىشىچە، يېقىندا ئۈرۈمچىدە خىتاي مائارىپ مىنىستىرى يۈەن گۇيرېن، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون سېكرېتارى جاڭ چۈنشەنلەرنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئېچىلغان مائارىپ خىزمەت يىغىنىدا، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون رەئىسى نۇر بەكرى ئۇيغۇر مائارىپىنى 2020-يىلىغىچە خىتاي ئۆلچىمىگە يەتكۈزۈشنى ئورۇنلاشتۇرغان.

ئۇيغۇر تىلىنى يوقىتىش شوئارىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مەنسەپكە ئېرىشكەن نۇر بەكرى سۆزىدە، ئۇيغۇر مائارىپىنى خىتاي ئۆلچىمىگە تېز سۈرئەت بىلەن يەتكۈزۈش ئۈچۈن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «تۆتنى ئېتىراپ قىلغۇزۇش»، «ئۈچ ئايرىلالماسلىق»، «نىشانلىق تەربىيىلەش» دېگەن سىياسەتلىرىنى قەتئىي ئىجرا قىلىپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئۇيغۇرچە مائارىپنى 2020‏-يىلىغىچە پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىپ، ئۇنى ھەممە مىللەت ئورتاق بەھرىمەن بولىدىغان دەپ ئاتالغان خىتايچە مائارىپقا ئايلاندۇرۇشنى تەكىتلىگەن.

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى نۇر بەكرىنىڭ بۇ ئورۇنلاشتۇرۇشىنى، بۇ، ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئۇيغۇر مىللىي مائارىپىنى پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىشقا كىرىشكەنلىكى دەپ قارىماقتا.