ئىمزا توپلاش پائالىيىتى "كۆڭۈل بۆلۈش" ناملىق تورنىڭ "ئەرزىيەت" سەھىپىسىدە 27 - دېكابىر باشلانغان بولۇپ، ئۆتكەن بىر كۈن جەريانىدا جەمئىي 20 گە يېقىن ئادەم ئىمزا قويغان.
نۇرمەمەت ياسىن، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ مارالبېشى ناھىيىسىدىن. ئۇ، ئۇيغۇر ئېلىدە ئۆزىنىڭ قىسقا ھېكايىلىرى ۋە بىر قىسىم شېئىرلىرى بىلەن نام چىقارغان يازغۇچى. ئۇ "ياۋا كەپتەر" ناملىق پروزىسىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، خىتاي بىخەتەرلىك دائىرىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان ۋە 2005 - يىلى مەخپىي سوت بىلەن 10 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى.
نۇرمەمەت ياسىن 2005 - يىلى قەشقەر ئوتتۇرا سوتقا ئەرز سۇنغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئەرزى رەت قىلىنىپ مارالبېشى ناھىيىلىك سوت چىقارغان ئەسلىدىكى ھۆكۈم كۈچكە ئىگە قىلىنغان ۋە شۇ يىلى مايدا نۇرمەمەت ياسىن ئۈرۈمچىگە يۆتكەلگەن.
"كۆڭۈل بۆلۈش" تور بېتىدە بوشانغان توردا ئىمزا توپلاش پائالىيىتى بىلەن بىرگە ئېلان قىلىنغان يازما ماتېرىيالدا ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ۋە ئۇيغۇرلار يولۇقۇۋاتقان سىياسىي بېسىملار ھەققىدە مەلۇمات بېرىلگەن.
بۇنىڭدا ئۇيغۇرلارنىڭ يەر - ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ قىلىۋاتقانلىقى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قوش تىل سىياسىتى تۈپەيلى ئۇيغۇر تىلىنىڭ تەھدىتكە ئۇچرىغانلىقى، ئۇيغۇر قىزلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەش سىياسىتى ۋە ئەيدىز مەسىلىسى قاتارلىقلار تونۇشتۇرۇلغان.
بۇ تور بېتىدە ئىلگىرى قەدىمىي قەشقەرنىڭ چېقىلىشىغا قارشى ئىمزا توپلاش پائالىيىتىمۇ ئېلىپ بېرىلغان ئىدى.