تۈرمىدىكى يازغۇچى نۇرمەمەت ياسىننىڭ ئائىلىسى 17‏-يانۋار ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكەن

مارالبېشى ناھىيىسى ئاۋات يېزىسىدىكى كىشىلەرنىڭ ئاشكارىلىشىچە، تۈرمىدىكى ئاتاقلىق يازغۇچى نۇرمەمەت ياسىننىڭ ئائىلىسى 17‏-يانۋار كۈنى ئۈرۈمچىگە بېرىپ، ئاپتونوم رايونلۇق 1‏-تۈرمىدە يېتىۋاتقان يازغۇچى بىلەن كۆرۈشۈپ كەلگەن.

مەزكۇر يېزىدىكى ۋەقەدىن خەۋەردار ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىر كىشى يازغۇچىنىڭ ئائىلىسىدىن ئۇنىڭ ساق-سالامەت تۇرغانلىقىنى ئاڭلىغان. يېقىندا نۇرمەمەت ياسىننىڭ 2011‏-يىلى شاياردىكى بىر تۈرمىدە ۋاپات بولغانلىق خەۋىرى تارقىلىپ، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى قاتارلىق نۇرغۇن تەشكىلاتلار بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن يازغۇچىنىڭ ئەھۋالىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. بىراق خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ چاقىرىقلارغا ھېچقانداق ئىنكاس قايتۇرمىغان ئىدى.

نۇرمەمەتنىڭ ۋاپات بولغانلىق خەۋىرىنى ئاتاقلىق خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى تېڭ بياۋ ئوتتۇرىغا قويغان. تېڭ بياۋ بۇ خەۋەرنى ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر دوستلىرىدىن ئاڭلىغانلىقى، نۇرمەمەتنىڭ ئاتاقلىق خىتاي كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى گاۋجىشىڭ ياتقان تۈرمىگە يۆتكەپ ئاپىرىلغانلىقى ۋە ئۇنىڭ شۇ يەردە كېسەللىك سەۋەبىدىن ۋاپات بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

مارالبېشىدىكى خەۋەر مەنبەسى يازغۇچىنىڭ سالامەت تۇرغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ تەپسىلىي ئەھۋالىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار ھەققىدە مەلۇمات بەرمىدى. نۇرمەمەت ياسىن «قەشقەر ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان «ياۋا كەپتەر» ناملىق ھېكايىسى سەۋەبىدىن 2005‏-يىلى قولغا ئېلىنغان. ئۇ «بۆلگۈنچىلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلىش جىنايىتى» بىلەن ئەيىبلىنىپ، 10 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى.