بۇ يىللىق مۇكاپات، 19 دۆلەتكە تەۋە 34 يازغۇچىغا بېرىلگەن. بۇ قېتىمقى مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلەر ئارىسىدا يەنە، نۆۋەتتە تۈرمىدە يېتىۋاتقان خۇجيا، شې تاۋ قاتارلىق خىتاي ئۆكتىچىلەر ۋە تىبەتلىك مۇستەقىل يازغۇچى ۋېي سى خانىممۇ بار.
نۇرمەمەت ياسىن "ياۋا كەپتەر" ناملىق ئەسەر يازغان، ئەسىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىك ئىرادىسى ئاشكارا ئىپادىلەنگەن، ئەركىنلىك كۈرىشى مەدھىيىلەنگەن ۋە ئەركىنلىككە چاقىرىلغان. ئاپتور نۇرمەمەت ياسىن خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن بۆلگۈنچىلىك بىلەن ئەيىبلىنىپ تۈرمىگە تاشلانغان.
خەلقئارا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتىنىڭ ئۇيغۇر مەركىزى بۇلتۇردىن باشلاپ نۇرمەمەت ياسىن مەسىلىسىنى خەلقئارادىكى ئالاقىدار يىغىنلاردا ئىزچىل ھالدا ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلگەن ئىدى.