نۇرسۇلتان نازاربايېف كۈيئوغلىنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىدى

قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېف ئۆتكەن پەيشەنبە كۈنى، كۈيئوغلى تىمۇر قۇلىبايېفنى ۋەزىپىدىن ئېلىپ تاشلايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

قازاقىستان باش مىنىستىرى كېرىم مەسىموفنىڭ ئۆز توربېتىدە ئاشكارىلىشىچە، بۈگۈن يەنى دۈشەنبە كۈنى پرېزىدېنت نازاربايېف كۈيئوغلىنى قازاقىستاننىڭ سامرۇق قازنا شىركىتىنىڭ باشلىقلىق ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاپ، ئورنىغا، مۇئاۋىن باش مىنستىر ئۇمىرزاق شۈكەيېفنى تەيىنلىگەن. نازاربايېفنىڭ بۇ قارارىغا يېقىندىن بېرى قازاقىستاندا داۋام قىلىۋاتقان ئىشچىلار ئىسيانى سەۋەب بولغان.

سامرۇق قازنا شىركىتى، قازاقىستاننىڭ دۆلەت ئىگىلىدىكى نېفىت ۋە تەبىئىي گاز شىركەتلىرىنىمۇ ئۆز تەركىپىگە ئالغان بولۇپ، بۇ شىركەت قازاقىستان ئىقتىسادىنىڭ ئومۇرتقىسى دەپ قارىلىدۇ.

مانا مۇشۇنداق بىر ئىقتىسادىي بازىغا، پرېزىدېنت كۈيئوغلىنىڭ قوماندانلىق قىلىشى، يىللاردىن بېرى قازاقىستان پۇقرالىرى ئارىسىدا يوشۇرۇن نارازىلىق پەيدا قىلىپ، قازاقىستان سىرتىدا بولسا تەنقىد ئوبيېكتى بولۇپ كەلگەن. گەرچە، نازاربايېف مەزكۇر قارارى ئارقىلىق ئىسيانكار ئىشچىلارنىڭ ئاچچىقىنى پەسەيتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما، ئىشچىلارنىڭ قازاقىستان دۆلەت رەھبەرلىك قاتلىمىدىكى چىرىكلىككە قارىتا نەپرىتىنىڭ بۇنىڭلىق بىلەن پەسەيمەيدىغانلىقى تەخمىن قىلىنماقتا.