«جىىنسىيەت، ئۇيغۇر كىملىكى ۋە نوزۇگۈم ھېكايىسى» ماۋزۇلۇق مەزكۇر ئىلمىي ماقالە خەلقئارادا نوپۇزلۇق « ئاسىيا تەتقىقات ژۇرنىلى» دا ئېلان قىلىنغان بولۇپ، 20 بەتلىك مەزكۇر ئىلمىي ماقالىدە نوزۇگۈم ھەققىدە قالدۇرۇلغان بارلىق ئۇيغۇرچە مەنبەلەر ۋە يېزىلغان ئەدەبىي ھەم ئىلمىي ماقالىلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك سېلىشتۇرۇلۇپ، تەتقىق قىلىنغان.
ئاپتور ئۇيغۇر تىلىنى پۇختا بىلگەنلىكى ئۈچۈن ھازىرغىچە نۇزۇگۇم ھەققىدە يېزىلغان بارلىق ئەسەرلەرنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك ئوقۇپ چىققان.
ئاپتورنىڭ قارىشىچە، بىلال نازىم، نەزەرغوجا ئابدۇسەموتوف ئەڭ دەسلەپ نوزۇگۈم ھەققىدە ئىزدىنىپ ئەسەر يازغان كىلاسسىكلاردۇر. ئۇيغۇر مىللىي كىملىك ئىدىيىسى ۋە مىللەتپەرۋەرلىكىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، نوزۇگۇمنىڭ مىللىي سىمۋوللۇق ۋە مىللىي قەھرىمانلىق رولى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرۈلگەن. ئاپتورنىڭ قاراشلىرىنى مۇنداق چۈشىنىش مۇمكىن؛ ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ رولى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئىزچىل مۇھىم سالماقنى ئىگىلىگەن بولۇپ، ئۇيغۇرلار ئاياللارنىڭ رولى ۋە ئورنىغا ئەھمىيەت بەرگەن، بۈگۈنكى ۋاقىتلاردىمۇ ئۇيغۇر ئاياللىرى ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە تەسىر كۆرسىتىش كۈچىگە ئىگە بولۇپ كەلمەكتە.
ھازىرغىچە نۇزۇگۇم ھەققىدە رومان، پوۋېست، داستان ھەم ماقالىلار يېزىلغان بولسىمۇ، بىراق مۇنداق سىستېمىلىق، ئاكادېمىيىلىك ئىلمىي ئەمگەك تېخى مەيدانغا چىقمىغان ئىدى. بۇ نوزۇگۈم ۋە ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى رولى مەسىلىسىنى چۈشىنىشتە بەك مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.