ئامېرىكا مېترىئولوگىيە تارماقلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دۈشەنبە كۈنى نيۇيوركنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى رايونلاردا ساندىي ناملىق دېڭىز بورىنى سائىتىگە 200 كىلومېتىرلىق سۈرئەتتە ئالغا ئىلگىرىلىگەن. ئاپەت ئېغىر بولغان نيۇيوركنىڭ مانخاتون رايونىدىكى دېڭىز قىرغىقىدىكى سۇ يۈزى 4 مېتىرغا يېقىن ئۆرلىگەن.
نيۇيورك شەھىرىدىكى بىر قىسىم كوچىلارنى سۇ بېسىپ كەتكەن. ئامېرىكىدىكى ئەڭ چوڭ شەھەر ھېسابلىنىدىغان نيۇيوركتا بىر مىليونغا يېقىن ئاھالە توكسىز قالغان. شەرقىي دېڭىز قىرغىقىدىكى شىتاتلاردا تەخمىنەن 6 مىليون ئاھالىنى ۋە شىركەتلەرنى توك بىلەن تەمىنلەش ئۈزۈلگەن. ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەييارلىق خىزمىتى ياخشى ئىشلەنگىنى ئۈچۈن، بۇ قېتىمقى يامغۇرلۇق بوراننىڭ ئاپىتى ئەڭ تۆۋەن دەرىجىگە چۈشۈرۈلگەن. سەيشەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 1 گە قەدەر ئۆلگەن ئادەم سانى 33 كە يەتكەنلىكى مەلۇم بولدى.
سەيشەنبە كۈنى ئەتىگەن ساندىي بورىنى ئىچكى قۇرۇقلۇق رايونلىرىغا يۆتكىلىپ، شامال كۈچى سائىتىگە 120 كىلومېتىرغا ئاجىزلىغان بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا ئاپەت ئېلىپ كېلىش خەۋپى ئېغىر بولۇپ، ساندىي دېڭىز بورىنى 31-ئۆكتەبىر چارشەنبە كۈنى كاناداغا يۆتكىلىدىكەن. ساندىي بورىنى يېتىپ كېلىشتىن ئىلگىرى شەرقىي دېڭىز قىرغىقىدىكى شىتاتلاردا دۈشەنبە كۈنى مەكتەپ، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى، سودا ساراي، شىركەت قاتارلىقلاردا ئوقۇش ھەم خىزمەت توختىتىلدى.
بۇ قېتىمقى بوران سەۋەبىدىن ئامېرىكا ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسىنىڭ 28-ئۆكتەبىر يەكشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈش قارار قىلىنغان قۇربان ھېيتلىق پائالىيىتىمۇ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان ئىدى. 29-ئۆكتەبىر كۈنى توختىتىلغان ئاممىۋى قاتناش 30-ئۆكتەبىر چۈشتىن كېيىن سائەت 2 دە ۋاشىنگتون شەھىرى، ۋېرجىنىيە ۋە مەرىلەن شتاتلىرىدا ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى.