دەۋر مەيدانىدىكى تېررورلۇق سۇيىقەستىنى پىلانلىغۇچىنىڭ بىر ئاق تەنلىك ئەر ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە

نيۇيورك شەھىرى دەۋر مەيدانىدىكى تېررورلۇق سۇيىقەستىنى پىلانلىغۇچىنىڭ بىر ئاق تەنلىك ئەر ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. نۆۋەتتە ئامېرىكا ساقچىلىرى مەزكۇر گۇماندارنى ئىزدەشكە باشلىدى.

29 - ئاپرېل شەنبە كۈنى كەچقۇرۇن، نيۇيوركتىكى دەۋر مەيدانىدا بومبا قاچىلانغان بىر دالا ئاپتوموبىلى بايقالغان ۋە ساقچىلار ۋاقتىدا ئىنكاس قايتۇرغاچقا بىر قېتىملىق تېررورلۇق ھۇجۇمىنىڭ ئالدى ئېلىنغان ئىدى.

فرانسىيە ئاگېنتلىقىدا نەقىل قىلىشىچە، مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈمەت خادىملىرى مەزكۇر گۇماندارنىڭ 40 ياشلار ئەتراپىدىكى ئاق تەنلىك ئەر كىشى بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئاشكارىلانغان.

مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر كىشىنىڭ، ۋەقە مەلۇم قىلىنىشتىن ئىلگىرى بومبا بايقالغان ئاپتوموبىل ئەتراپىدا ئايلىنىپ يۈرگەنلىكى كۆزىتىش ئاپپاراتىغا چۈشۈپ قالغان.

ھالبۇكى نيۇيورك شەھىرىنىڭ ساقچى باشلىقى رايموند كېللي، "بىز پەقەت ئۇنىڭ بىلەن سۆزلىشىپ باقماقچى" دېگەن. ئۇ يەنە، كۆزىتىش ئاپپاراتىغا ئېلىنغان كۆرۈنۈشنى تىلغا ئېلىپ، "بۇلارنىڭ ھېچقايسىسى گۇماندار ئەمەس. بۇلار پەقەت بىز سۆزلىشىشنى خالايدىغان كىشىلەرلا خالاس" دېگەن.

نيۇيورك شەھىرىنىڭ باشلىقى مايكىل بلۇمبېرگ ۋە ساقچى باشلىقى كېللي قاتارلىقلار ئورتاق ھالدا مەزكۇر ھۇجۇمنىڭ "ئەلقائىدە تەشكىلاتى" بىلەن ئالاقىسى يوقلۇقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئامېرىكا قانۇن يۈرگۈزۈش ئورگانلىرى نۆۋەتتە مەزكۇر ۋەقەگە ئالاقىدار كىشىلەر ئۈستىدە تەكشۈرۈشنى باشلىۋەتتى.