ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بايان قىلىشىچە، 30 ياشلىق پاكىستانلىق ئامېرىكا پۇقراسى فايسال شاھزاد تۈنۈگۈن نيۇيوركنىڭ مەنخاتون رايونىدىكى فېدېرال سوت مەھكىمىسىدە جىنايىتىگە ئىقرار قىلدى ۋە شېرىكلىرىنى پاش قىلدى. ئۇ دۇبەيگە كېتىش ئۈچۈن ئايروپىلانغا چىقىشقا ئۇرۇنغاندا تۇتۇلغان ئىدى.
فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن ھەركىم ئۆزىنىڭ دىنىي ئېتىقادى، ئارزۇ -ھەۋىسى بويىچە ئىش قىلىۋېرىدىغان بۇ ئەركىن شەھەرنىڭ ئەڭ ئاۋات نۇقتىسىدا، بىگۇناھ خەلققە قارىتا كەڭ كۆلەملىك قىرغىنچىلىق قىلىشنى مەقسەت قىلغان، ئەمما پىلانىنى ئەمەلگە ئاشۇرالمىغان بۇ تېررورچى بومبا ياساش ۋە پارتلىتىش بويىچە پاكىستاندا تەلىم ئالغان.
