پرېزىدېنت ئوبامانىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ياردەمچىلىرى دارامسالانى زىيارەت قىلىپ، دالاي لاما بىلەن كۆرۈشتى

دۈشەنبە كۈنى، ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوبامانىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ياردەمچىلىرىدىن تەشكىللەنگەن بىر ئۈمەك دارامسالانى زىيارەت قىلىىپ، تىبەت روھانى داھىسى دالاي لاما بىلەن كۆرۈشكەن.

ئاقساراينىڭ مەسلىھەتچىسى ۋالېرېي جەررېت باشچىلىقىدىكى 3 كىشىلىك ۋەكىللەر ئۆمىكى يەكشەنبە كۈنى تىبەت سەرگەردان ھۆكۈمىتىنىڭ باش مىنىستىرى بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن، دۈشەنبە كۈنى دالاي لاما بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارغان. دالاي لامانىڭ باياناتچىسى تانزىن تالخا فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىغا مەلۇمات بېرىپ، "ئامېرىكا ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ دالاي لاما بىلەن ئۇچراشقانلىقى"نى بىلدۈرگەن. لېكىن 2 سائەت داۋاملاشقان سۆھبەتنىڭ تەپسىلاتى توغرىسىدا ئۇچۇر بەرمىگەن.

بۇ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى رەئىسى نەنسى پەلۇسى 2008 ‏- يىلى 3 ‏- ئايدا دارامسالانى زىيارەت قىلىپ، دالاي لاما بىلەن كۆرۈشكەندىن بۇيان دارامسالانى زىيارەت قىلغان تۇنجى ئامېرىكا ۋەكىللەر ئۆمىكىدۇر. ئامېرىكا ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ زىيارىتى دالاي لاما 10 ‏- ئايدا ئامېرىكىنى زىيارەت قىلىپ، باراك ئوباما بىلەن كۆرۈشۈش ئېھتىمالى بار، دەپ قارىلىۋاتقان مەزگىلگە توغرا كەلگەن.

دالاي لاما 10 ‏- ئايدا ئامېرىكىنى زىيارەت قىلىپ، كېيىنكى ئايدا پرېزىدېنت ئوباما خىتاينى زىيارەت قىلىدۇ. ۋالېرېي جەررېت باشچىلىقىدىكى ئامېرىكا ۋەكىللەر ئۆمىكى يەكشەنبە كۈنى يەنە تىبەت ياشلار قۇرۇلتىيى قاتارلىق تىبەت ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچراشقان.

فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تىبەت ياشلار قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى سېۋاڭ رىنزىن "بىز ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ كونكرېت قەدەم بېسىشىنى، بىزنىڭ مەسىلىمىزدە ئامېرىكىنىڭ خىتاي بىلەن ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز" دېگەن.