ئوباما ئافغانىستاندا ئەسكەر كۆپەيتىشنى قارار قىلدى

ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما ئافغانىستاندا ئەسكەر كۆپەيتىش بۇيرۇقى چۈشۈردى. بۇ ھەقتە بايات بەرگەن ئاقساراي باياناتچىسى روبېرت گىببسنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پرېزىدېنت ئوباما يەكشەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئافغانىستاندا ئەسكەر كۆپەيتىش قارارى ئالغان ۋە بۇنى ئامېرىكا ھەربىي ئەمەلدارلىرى ۋە بىر قىسىم مۇناسىۋەتلىك شەخسلەرگە يەتكۈزگەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2009.11.30

پرېزىدېنت ئوباما نۆۋەتتە مەزكۇر پىلانىنىڭ مەزمۇنلىرىنى ئەنگىلىيە، ئاۋسترالىيە، فرانسىيە ۋە رۇسىيە رەھبەرلىرىنىڭ سەمىگە سالماقتا ئىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئەنگىلىيە باش مىنىستىرى گوردون بروۋن ئافغانىستانغا يەنە 500 كىشىلىك قوشۇن ئەۋەتىشكە قوشۇلغان.
ئاشكارىلىنىشىچە، ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق گېنېراللىرى ئافغانىستاندا يەنە 40 مىڭ نەپەر ئەسكەر كۆپەيتىشىنى تەلەپ قىلغان. ھالبۇكى ئوبامانىڭ ئافغانىستانغا يەنە قانچىلىك ئەسكەر ئەۋەتىدىغانلىقى ھازىرچە نامەلۇم.

نۆۋەتتە ئافغانىستاندا 100 كىشىلىك چەتئەل قوشۇنى بار بولۇپ، بۇلارنىڭ 68 مىڭى ئامېرىكا ئەسكەرلىرىدۇر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.