ئوباما كېلەر سەيشەنبە كۈنى ئافغانىستان ئىستراتېگىيىسىنى جاكارلايدۇ

ئاقساراينىڭ باياناتچىسى بۈگۈن، ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما ئۆزىنىڭ ئافغانىستان ئىستراتېگىيىسىنى كېلەر سەيشەنبە كۈنى نيوريوكتىكى ۋەست پونىت ھەربىي مەكتىپىدە ئېلان قىلىدۇ، دەپ جاكارلىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2009.11.25

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئوباما ئېھتىمال ناتو قىسىملىرىنىڭ ئافغانىستاندىكى قوماندانى ئوتتۇرىغا قويغان 40 مىڭ ئەسكەر كۆپەيتىش تەكلىپىنى قوللاپ، ئافغانىستانغا يەنە 30 مىڭدىن 35 مىڭغىچە بولغان دائىرىدە ئەسكەر ئەۋەتىشى مۇمكىن. ئوباما ھازىرمۇ ئۆزىنىڭ مەسلىھەتچىلىرى بىلەن بۇ پىلاننى مۇزاكىرە قىلىۋاتىدۇ.

ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، ئوباما ھازىر ئافغانىستاندا سەككىز يىلدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان ئۇرۇش مالىمانچىلىقىنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ ئافغانىستان ئىستراتېگىيىسىنى 12 ‏- ئاينىڭ 1 ‏- كۈنى ئېلان قىلماقچى بولۇۋاتىدۇ.

ئۇ، ھىندىستان باش مىنىستىرى مانموخان بىلەن ۋاشىنگتوندا تۈنۈگۈن ئاچقان ئاخبارات يىغىنىدا، ئەل - قائىدىچىلەر ۋە ئۇنىڭ ئىتتىتىپاقداشلىرىنى ئافغانىستاندا ھەرىكەت قىلالمايدىغان قىلىپ، ئافغانىستاننى ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىكىگە ئۆزى كاپالەتلىك قىلالايدىغان ھالغا كەلتۈرۈش -- ئامېرىكىنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن، دەپ جاكارلىغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.