ئۇ، گوللاندىيىدىن ئامېرىكىغا قاراپ ئۇچقان 253 - نومۇرلۇق يولۇچىلار ئايروپىلانى پارتلىتىشقا ئۇرۇنۇپ تۇتۇلۇپ قالغان نېگىرىيىلىك يولۇچى ئۇمار فارۇق ئابدۇلمۇتاللاب ھەققىدە توختىلىپ: "بىز ئۇنىڭ جاندىن ئۆتىدىغان نامراتلىق ۋە توپىلاڭلار پاتقىقىغا پاتقان يەمەنگە بارغانلىقىنى بىلىمىز. ئۇ يەنە ئەل قائىدە تەشكىلاتىغا ئارىلاشقان. ئەرەب يېرىم ئارىلىدىكى ئەل قائىدە ئۇنى تەربىيىلىگەن، پارتلاتقۇچ بىلەن قوراللاندۇرغان ۋە ئۇنى ئامېرىكىغا يولغا سالغان" دېدى.
ئوباما باياناتىدا، شۇ مۇناسىۋەت بىلەن يەمەن ھۆكۈمىتى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، يەمەن ھۆكۈمىتىنىڭ ئەل قائىدە مەشىق لاگېرلىرىغا ھۇجۇم قىلىشىنى ئىمكانىيەت بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئامېرىكا پرېزىدېنتى نۆۋەتتە ھاۋاي ئارىلىدا قىشلىق دەم ئېلىۋاتقان بولۇپ، ئۇ، ئامېرىكا ئايروپىلانىنى پارتلىتىش سۇيىقەستى ھەققىدە ئىلگىرىمۇ ئىككى قېتىم بايات ئېلان قىلغان بولسىمۇ، ئىلگىرىكى باياناتىدا ئابدۇلمۇتاللابنى ئەل قائىدە تەشكىلات بىلەن بىۋاسىتە باغلىمىغان ئىدى.
ئوباما يەنە، بۇ ئەل قائىدە تەشكىلاتىنىڭ ئامېرىكىغا قاراتقان تۇنجى ھۇجۇمى ئەمەسلىكىنىمۇ ئەسكەرتتى.