پرېزىدېنت ئوباما بىر قىسىم ئاسىيا ئەللىرىنى زىيارەت قىلىش سەپىرىنى باشلىدى

ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما جۈمە كۈنى بىر قىسىم ئاسىيا ئەللىرىگە قاراتقان رايوندىكى يېڭىدىن باش كۆتۈرۈۋاتقان دۆلەتلەر بىلەن سودا - ئىقتىسادى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش يولىدىكى زىيارەت سەپىرىنى باشلىدى. ئوبامانىڭ بۇ سەپىرىنىڭ 1 - بېكىتى ھىندىستان بولۇپ، ئۇ ھىندىستان سودا مەركىزى مۇمباي ۋە پايتەخت يېڭى دېھلىنى زىيارەت قىلىدۇ.

ئاقساراينىڭ سەيشەنبە كۈنى ئەسكەرتىشىچە، ئوبامانىڭ بۇ سەپىرىنىڭ مەقسىتى دۇنيادىكى ئىقتىسادى ئەڭ تېز ئۆرلەۋاتقان بۇ دۆلەتلەرنىڭ بازىرىنى ئېچىش ۋە ئامېرىكا تاۋارلىرىنى سېتىپ، ئامېرىكىلىقلارغا خىزمەت ئىمكانىيىتى يارىتىشتۇر.

ئوباما 2 كۈنلۈك ھىندىستان زىيارىتىدىن كېيىن، ئۆزىنىڭ ئۆسمۈرلۈك ۋاقتىنى ئۆتكۈزگەن ھىندونوزىيىنى زىيارەت قىلىدۇ. ئۇنىڭ ھىندونېزىيىدە رەسمىي كۆرۈشۈشلەردە بولغاندىن سىرت يەنە، جاكارتادىكى ئىستىقلال مەسچىتىنى زىيارەت قىلىدىغانلىقى ۋە ھىندونېزىيىلىك ئوقۇغۇچىلارغا نۇتۇق سۆزلەيدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

ئوبامانىڭ ئاسىيا سەپىرىنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسى جەنۇبىي كورىيە پايتەختى سېئۇلدۇر. ئۇ ھىندونېزىيە زىيارىتىدىن كېيىن جەنۇبىي كورىيىدە توختاپ، سانائەتلەشكەن 20 دۆلەتنىڭ باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىدۇ.

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئوباما 20 دۆلەت باشلىقلار يىغىنىدا خىتاي خەلق پۇلىنىڭ كۇرسى مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى مۇمكىن. ئۇنىڭ يەنە يىغىن جەريانىدا خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ بىلەن ئايرىم كۆرۈشىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. لېكىن ئوبامانىڭ ھىندىستان، ھىندونېزىيە، جەنۇبىي كورىيە ۋە جەنۇبىي كورىيىدىن كېيىن ئېلىپ بارىدىغان ياپونىيە سەپىرىنىڭ كۈنتەرتىپىدە خىتاينى زىيارەت قىلىش پىلانى يوق. ئۇنىڭ سېئۇلدىكى باشلىقلار يىغىنىدىن كېيىن ئېلىپ بارىدىغان ياپونىيە زىيارىتى ئاسىيا سەپىرىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بېكىتىدۇر.

پرېزىدېنت ئوبامانىڭ بۇ سەپىرى دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ 2‏ - نويابىردىكى ئامېرىكا پارلامېنت سايلىمىدا ئاۋام پالاتاسىدىكى كۆپ سانلىق ئورنىنى جۇمھۇرىيەتچىلەرگە تارتقۇزۇپ قويغان، كېڭەش پالاتاسىدا كۆپ سانلىق ئورنىنى ساقلاپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن نۇرغۇن ئورۇندىن ئايرىلىپ قالغاندىن 3‏ - 4 كۈن كېيىن باشلانغان ئىدى.