ئوباما بىلەن ساركوزى نورماندىدا ئىككىنجى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ 65 يىللىقىنى خاتىرىلىدى

بۇنىڭدىن 65 يىل بۇرۇن، 1944 ‏ - يىلى 6 ‏ - ئاينىڭ 6 ‏ - كۈنى، ئىككىنجى دۇنيا ئۇرۇشىدا ئامېرىكا، كانادا، ئەنگىلىيە قىسىملىرى ناسسىست گېرمانىيىسى ئىشغال قىلىۋالغان فرانسىيە زىمىنى نورماندىدا قۇرۇقلىققا چىققان ئىدى. بۈگۈن بۇ ۋەقەنىڭ 65 يىللىق خاتىرە كۈنىدە، ئامېرىكا پرېزىدېنت بارەك ئوباما بىلەن فرانسىيە پرېزىدېنتى ساركوزى كۆپ مەسىلىلەردە پىكىرلەشكەندىن كېيىن، نورماندىغا بېرىپ، ئەنگىلىيە، كانادا رەھبەرلىرى ئەينى ۋاقىتتىكى ئامېرىكا قەۋرىستانلىقىدا ئۇچراشتى.

ئامېرىكا ئاۋازنىڭ بايان قىلىشىچە، بۈگۈن نورماندىدا ئۆتكۈزۈلگەن خاتىرىلەش پائالىيىتىدە، ساركوزى ئىران پرېزىدېنتى ئەخمەدى نىجاتنىڭ ئىسرائىلىيىنى دۇنيا خەرىتىسىدىن ئۆچۈرۈۋېتىمەن، دېگەن سۆزنى ئالجىغانلىق، دەپ ئەيىلىدى ۋە بارەك ئوبامانىڭ، ئىسرائىلىيىنى ئىئوردانىيە دەرياسىنىڭ غەرب تەرىپىدە كۆچمەن مەھەللىرى قۇرۇشنى توختۇتۇشقا چاقىرغانلىقىنى قوللىدى.

بۇ جايغا جەم بولغان دۆلەت رەھبەرلىرى ئوتتۇرا شەرقتە تىنچلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئىقتىسادىي ھەمكارلىق قۇرۇشقا قوشۇلدى ۋە پەلەستىننى تىنچلىق سۆھبەتلىرىدە بەرگەن ۋەدىسىدە تۇرۇشقا چاقىردى.