ئەمما ئۇ ئاسىيا زىيارىتى جەريانىدا گۈەنتانامو تۈرمىسىنىڭ ئەسلىدىكى پىلان قىلغان ۋاقىتتا تاقالمايدىغانلىقىنى قوبۇل قىلغان بولسىمۇ، ئۆزىنىڭ بۇنىڭدىن ئۈمىدسىزلەنمىگەنلىكىنى، بۇ ئىشنىڭ ئۇنداق ئاسانغا چۈشمەيدىغانلىقىنى باشتىلا بىلىدىغانلىقىنى ئېيىتتى.
خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، گۈەنتانامو تۈرمىسىدە ھازىر يەنە 220 ئەتراپىدا مەھبۇس تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە 7 نەپەر ئۇيغۇرمۇ بار. ئامېرىكا ھازىر گۈەنتانامو تۈرمىسىدە گۇناھسىزلىقى ئىسپاتلانغان، ئەمما دۆلىتىگە قايتقان تەقدىردە ھاياتىي خەۋپكە ئۇچرايدىغانلىقى سەۋەبلىك ئۆز دۆلىتىگە قايتۇرۇلمايدىغان كىشىلەر ئۈچۈن ئۈچىنچى بىر دۆلەت تېپىش ئۈچۈن بەزى دۆلەتلەر بىلەن كۆرۈشۈۋاتقان ئىكەن.
ئەمما بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ خەەۋەر قىلىشىچە، ھازىر بۇ كىشىلەر ئۈچۈن ئۈچىنچى بىر دۆلەت تېپىش قېيىنغا توختاۋاتقان بولۇپ، كۈزەتكۈچىلەرنىڭ بەزىلىرى ئوبامانىڭ ئامېرىكىغا نىسبەتەن ھېچقانداق تەھدىت بولمايدىغانلىقى ئىسپاتلىنىپ بولغان ئۇيغۇرلارنى ئامېرىكىغا قوبۇل قىلماسلىق قارارىغا قول قويۇش ئارقىلىق پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويغانلىقىنى ئېيتماقتا.
ئامېرىكا گۈەنتانامو ئىش پىلانىنىڭ ئادۋوكاتلىرىدىن شايانا كادىدال خانىم بىرلەشمە ئاگېنتلىقىغا بۇ ھەقتە توختىلىپ " ئەگەر ئوباما بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قىسمىنى بولسىمۇ ئامېرىكىغا ئورۇنلاشتۇرغان بولسىدى، بىزنىڭ دېلوسى تېخىمۇ مۇرەككەپ بولغان كىشىلەرنى ياۋرۇپاغا قوبۇل قىلدۇرۇشىمىز ئاسانغا توختىغان بولاتتى" دېدى.
گەرچە باراك ئوباما گۈەنتانامو تۈرمىسىنى پۈتۈنلەي تاقاش پىلانىنىڭ قاچانغىچە كېچىكتۈرۈلگەنلىكى ھەققىدە ئېنىق بىر نەرسە دېمىگەن بولسىمۇ، ۋەزىيەت مۇشۇنداق داۋام قىلسا گۈەنتانامونى تاقاشنىڭ قېيىنغا توختايدىغانلىقى، ئامېرىكىنىڭ ئۆزىنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ ياردىمىسىز بۇ ئىشنى باشقا ئېلىپ چىقالمايدىغانلىقى پەرەز قىلىنماقتا.