ئوباما ھاۋايىدا يېڭى يىلنى كۈتۈۋالدى

ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما ئائىلىسى بىلەن بىرلىكتە ئۆزى تۇغۇلغان يۇرتى ھاۋايىدا 2012 - يىلىنى كۈتۈۋالدى. باراك ئوباما ھاۋايىدا ئائىلىسى بىلەن بىرلىكتە قىشلىق دەم ئېلىشتا ئىدى. ئوباما 31 - دېكابىر كۈنى تېلېۋىزىيە نۇتىقى سۆزلەپ، ئامېرىكىنىڭ 2011 - يىلىدىكى مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ئەسلەپ ئۆتتى.

ئوباما يېڭى يىل نۇقتىدا ئۆزىنىڭ يېڭى بىر يىلدا ئامېرىكا ئىقتىسادىنى ياخشىلاپ، تېخىمۇ كۆپ ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى يارىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شۇنىڭدەك يەنە يېڭىدىن ئوتتۇرىغا قويغان خىزمەتچىلەرنىڭ مائاشىدىن ئالىدىغان باجنى قىسقارتىش قانۇنىنىڭ گەرچە 2011 - يىلىدا تەستىقتىن ئۆتۈش ئارقىغا سوزۇلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ يېڭى بىر يىلدا ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىغا بولغان ئىشەنچىسىنى ئىپادىلىدى. ئۇ يەنە 2011 - يىلىنى زور ئۆزگىرىش ۋە ئىلگىرىلەش بولغان بىر يىل دەپ باھالىدى.

ئوباما 2011 - يىلى ئىراق ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇش بىلەن يەنە بىر ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇشنى باشلىغانلىقى، ئەل - قائىدە تەشكىلاتىغا قاتتىق دەرىجىدە زەربە بېرىش ئارقىلىق ئامېرىكىنى تېخىمۇ بىخەتەر قىلغانلىقىنى ئەسلىتىپ ئۆتۈپ، « گەرچە بەك كۆپ ئامېرىكىلىق ھازىر قىيىنچىلىق ئىچىدە ئالغا بېسىۋاتقان بولسىمۇ، بىراق بىز ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادىدا جانلىنىش ئىزلىرىنىڭ پەيدا بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرمەكتىمىز» دەپ تەكىتلىدى.

2012 - يىلى، ئامېرىكا ئۈچۈن مۇھىم بىر يىل بولۇپ، بۇ يىلدا پرېزىدېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈلىدۇ.