ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما كېلەر ئايدا ھىندىستاندا زىيارەتتە بولىدۇ

ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما كېلەر ئايدا ھىندىستاندا زىيارەتتە بولۇپ، رايون ۋە دۆلەت مۇداپىئە مۇناسىۋەتلىرى ئۈستىدە سۆھبەت ئېلىپ بارىدىكەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2010.10.25

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئوباما بۇ نۆۋەتلىك ھىندىستان زىيارىتى جەريانىدا، ئامېرىكا يېقىندا پاكىستانغا بەرمەكچى بولغان ھەربىي ياردەم ۋە بۇنىڭ ھىندىستان تەرەپكە كۆرسىتىدىغان تەسىرى ئۈستىدە سۆزلىشىدىكەن.

ئوباما يەنە، ھىندىستان بىلەن ئافغانىستاندىن چېكىنىپ چىقىش ئىستراتېگىيىسى ئۈستىدە سۆھبەتلەشكەندىن باشقا، يادرو مەسىلىسى ئۈستىدىمۇ پىكىر ئالماشتۇرىدىكەن.

ھىندىستان دۆلەت مۇداپىئەسى ئۈچۈن 30 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى سەرپ قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.

خەۋەرگە قارىغاندا، ئامېرىكىدا دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى شىركەتلىرى بىلەن ھىندىستان ئارىسىدا سودا يولى ئېچىشمۇ ئوبامانىڭ بۇ نۆۋەتلىك ھىندىستان زىيارىتىنىڭ يەنە بىر مۇھىم تەركىپى قىسمى ئىكەن.

ھىندىستان ئىلگىرى رۇسىيە قوراللىرىنىڭ ئەڭ چوڭ خېرىدارى ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.