ئوباما بۈگۈن ئىرانغا ئۇلتىماتۇم ئېلان قىلدى

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما بۈگۈن ئىرانغا ئۇلتىماتۇم ئېلان قىلدى.

ئوباما بۈگۈنكى خەلقئارالىق رادىئو نۇتىقىدا، 'پاكىتلار شۇنى كۆرسىتىدىكى، ئىران ھازىر يەر ئاستى زاۋۇتىدا ئاتوم بومبىسى ياساش ئۈچۈن ئوران تاۋلاۋاتىدۇ، ئەمما ئىران بۇنى يۇشۇرۇۋاتىدۇ. بۇ، ئاتوم قوراللىرىنىڭ تارقىلىپ كېتىشتىن ساقلىنىش كېلىشىمىگە تاقىشىدىغان گىئو-پولىتىكا مەسىلىسى. مەن ھازىرغا قەدەر ئىرانغا، بۇ مەسىلىنى ئۇچۇق - يۇرۇق سۆزلىشىپ ھەل قىلىشنى تەشەببۇس قىلىپ كېلىۋاتىمەن. ئىران ئەمدى خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيىسى تەشكىلاتى بىلەن تۇلۇق ھەمكارلىشىشى كېرەك، ھازىر خەلقئارا جەمئىيەت بۇ مەسىلىدە بۇرۇن كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدە پىكىر بىرلىكىگە ئىگە ' دەپ كەسكىن جاكارلىدى.

بۇنىڭدىن بۇرۇن، ئىران پرېزىدېنتى ئەخمەدى نىجات نيۇيوركتا ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئىران بۇ جەھەتتە ھېچقانداق خاتا ئىش قىلغىنى يوق، دەپ جاكارلىغان ئىدى.

ئوباما نىڭ سۆزىدىن كېيىنلا، رۇسىيە پرېزىدېنتى مېدۋېدىۋمۇ ئاخبارات ئېلان قىلىپ، ئىراننى خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيىسى تەشكىلاتى بىلەن ھەمكارلىشىشقا چاقىردى. خىتاينىڭ مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرىمۇ، ئۇنىڭغا ئوخشاش گەپ قىلدى. گەرچە چارشەنبە كۈنى، خىتاي بىلەن رۇسىيە ب د ت يىغىنىدا ئىرانغا ئىقتىسادىي جازا قوللىنىشقا قوشۇلمىغان بولسىمۇ.