ئوباما كىشىلىك ھوقۇق، تىبەت ۋە باشقا مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ

ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوبامانىڭ كېلەر ھەپتىدە ئاق سارايدا زىيارەتتە بولىدىغان خىتاي مۇئاۋىن دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشكەندە كىشىلىك ھوقۇق، تىبەت ۋە دىنىي ئېتىقات ئەركىنلىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قاتار مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇش - قويماسلىقى، كىشىلىك ھوقۇق جەمئىيەتلىرىنىڭ ئىزچىل دىققەت نەزىرىدىن بولۇپ كەلمەكتە ئىدى. 11 - فېۋرال كۈنى ئاق ساراي بۇ ھەقتە بىلدۈرۈش ئېلان قىلىپ، ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ شى جىنپىڭنى كۈتۈۋالغاندا، كىشىلىك ھوقۇق، دىنىي ئېتىقاد ۋە تىبەت مەسىلىلىرىنى ھەرگىزمۇ مېھماننى دەپ قۇربان قىلمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ سۆزنى ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك كومىتېتىنىڭ ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونى ئىشلىرىغا مەسئۇل ئەمەلدارى دەنني رۇسسېل ئېيتقان بولۇپ،ئۇ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنىڭ بۇ قېتىمقى كۈن تەرتىپتىكى مۇھىم نۇقتىلارنىڭ بىر قىسىمى ئىكەنلىكى ئەسكەرتكەن.

لېكىن، كۆزەتكۈچىلەر شى جىنپىڭنىڭ 13 - فېۋرال كۈنىدىكى زىيارىتىدە ئامېرىكا - خىتاي ئىقتىسادىي ۋە رايون خاراكتېرلىك بىخەتەرلىك مەسىلىلىرىنىڭ يەنىلا مۇھىم نۇقتىلار بولىدىغانلىقىنى پەرەز قىلماقتا.

بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ بەش نەپەر ئەزاسى ئوباماغا خەت يېزىپ، شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشكەندە ئوتتۇرىغا قويىدىغان ھازىر تۈرمىدە يېتىۋاتقان 6 نەپەر كىشىلىك ھوقۇق ۋە دىنىي پائالىيەتچىسىنىڭ تىزىملىكىنى بەرگەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە قەشقەردە تۈرمىگە تاشلانغان ئۇيغۇر خرىستىيان دىنىي پائالىيەتچىسى ئالىمجان ھىمىت ئەپەندىمۇ بار.