ئوباما لىۋىيىدە تۇرۇشلۇق ئامېرىكا كونسۇلخانىسىغا قىلىنغان ھۇجۇمنى قاتتىق ئەيىبلىدى

ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما چارشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، لىۋىيىدە تۇرۇشلۇق ئامېرىكا كونسۇلخانىسىغا قىلىنغان ھۇجۇمنى قاتتىق ئەيىبلىدى ۋە ھۇجۇم قىلغۇچىلارنىڭ چوقۇم جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.


سەيشەنبە كۈنى كەچتە بىر توپ ھۇجۇمچىلار لىۋىيىنىڭ بېنغازى شەھىرىگە جايلاشقان ئامېرىكا كونسۇلخانىسىغا ئاپتومات ۋە گراناتلار بىلەن ھۇجۇم قىلغان.

بۇ جەرياندا ئەلچىخانا خادىملىرىنى تارقاقلاشتۇرۇش ئىشلىرىغا مەسئۇل بولۇۋاتقان باش ئەلچى كرىس ستېۋېنسنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جەمئىي نەپەر 4 ئامېرىكا ئەلچىخانا خادىمى قازا قىلغان.

لىۋىيە دائىرىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھۇجۇم، مۇھەممەد پەيغەمبەر ھاقارەتلىنىدىغان بىر فىلىم تور بەتلىرىدە تارالغاندىن كېيىن بىر قىسىم لىۋىيىلىكلەر سەيشەنبە كۈنى بېنغازى شەھىرىدىكى ئامېرىكا كونسۇلخانىسى ئالدىدا نارازىلىق نامايىشى قىلىۋاتقاندا يۈز بەرگەن.

ئوباما ھۇجۇم ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى بۇ چېكىدىن ئاشقان ۋە ئادەمنى چۆچۈتىدىغان ھۇجۇمنى ئەڭ كۈچلۈك رەۋىشتە ئەيىبلەيدۇ.

ئوباما يەنە مۇنداق دېدى: شۇنى ئېنىق بىلدۈرۈپ قويۇش كېرەككى بىز لىۋىيە ھۆكۈمىتى بىلەن يېقىندىن ھەمكارلىشىپ، پۇقرالىرىمىزنى ئۆلتۈرگەن بۇ قاتىللارنى چوقۇم جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىمىز.

پرېزىدېنت ئوباما يەنە مۇنداق تەكىتلىدى: ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى قۇرۇلغاندىن بۇيان بارلىق دىنلارنى ھۆرمەت قىلىپ كېلىۋاتقان دۆلەت. بىز باشقىلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىغا تۆھمەت چاپلاش قىلمىشلىرىنىڭ ھەممىسىگە قارىشى.

ھېچقانداق باھانە - سەۋەبنىڭ يۇقىرىقىدەك ۋەھشىيلىكلەرنى ئاقلاپ بولالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن پرېزىدېنت ئوباما يەنە پۈتۈن دۇنيا خەلقىنى بۇ خىل ۋەھشىيلىكلەرگە ئورتاق ئېتىراز بىلدۈرۈشكە چاقىردى.