ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ئىشلىرىغا مەسئۇل خادىمى روبېرت بلېيك بۇ ھەقتە بەرگەن مەلۇماتىدا، ئوبامانىڭ "قىرغىزىستاندىكى سايلامنى دېموكراتىك ۋە ئادىل بىر يوسۇندا ئېلىپ بېرىش" مەسىلىسى ئۈستىدە سۆزلىشىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا ھازىر ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىچىدىكى تۇنجى دېموكراتىك پارلامېنت سايلىمىنىڭ، "تىنچ ۋە ئادىل" ئېلىپ بېرىلىشىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان بولۇپ، ئامېرىكا بۇنىڭ ئۈچۈن قىرغىزىستانغا 5 مىليون دوللار ياردەم پۇلى ئاجراتقان.
قىرغىزىستاندا بۇ يىل 6 - ئايدا ئۆزبېكلەر بىلەن قىرغىزلار ئارىسىدا ئېتنىك توقۇنۇش يۈز بېرىپ، يۈزدىن ئارتۇق ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان. ئۇنىڭدىن كېيىنمۇ قىرغىزىستاننىڭ بەزى رايونلىرىدا قالايمىقانچىلىقلار توختىماي يۈز بېرىپ تۇرغان ئىدى.
قىرغىز پرېزىدېنتى روزا ئوتۇنبايېۋا، بەزى كىشىلەرنىڭ سايلامنى باھانە قىلىپ، قۇتراتقۇلۇق قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى، ئەگەر ئەھۋال داۋام قىلسا سايلامنى بىكار قىلىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
بۈگۈن ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ئىشلىرىغا مەسئۇل خادىمى روبېرت بلېيك مۇخبىرلارغا قىلغان سۆزىدە، قىرغىزىستاندىكى سايلامنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇش ئېھتىمالىنىڭ تۆۋەن ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. ئۇ يەنە، قىرغىزىستاندىكى ۋەزىيەتنىڭ تىنچ ئىكەنلىكى، ھەرقايسى پارتىيىلەرنىڭ بۇ قېتىملىق سايلامنى ئۆزلىرى ئۈچۈن بىر پۇرسەت دەپ قاراۋاتقانلىقىنى، شۇڭا سايلامنىڭ نورمال ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى ئېيتقان.