ئوبامادىن پيوڭياڭغا قاتتىق بولۇش تەلەپ قىلىندى

جۈمە كۈنى كەچتە ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى بىر قارار لايىھىسى ماقۇللاپ، ئامېرىكىنى باشقا دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە شىمالىي كورىيىگە قارىتىلغان چەكلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇشقا چاقىردى.


مەزكۇر قارار لايىھىسىدە خىتايمۇ شىمالىي كورىيىگە بېسىم ئىشلىتىشكە دەۋەت قىلىندى.

نۆۋەتتە ئامېرىكا دائىرىلىرى ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى بىلەن شىمالىي كورىيىگە قارىتىلغان ئېمبارگولارنى كۈچەيتىش مەسىلىسى ئۈستىدە سۆزلەشمەكتە ئىكەن.

شىمالىي كورىيە سەيشەنبە كۈنى بىر يەر ئاستى يادرو سىنىقىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزگەنلىكىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىمۇ پيوڭياڭنى قاتتىق ئەيلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.