ئوباما ئۆز سۆزىدە ئەلۋەتتە بىر قېتىملىق نۇتۇق ۋە بىر كېچىلىك ئۆزگىرىش بىلەنلا ئىلگىرىكى ئۇقۇشماسلىق ۋە گۇمانلارنى يوقاتقىلى بولمايدىغانلىقى، ئەمما ئۆزىنىڭ مۇسۇلمان ئائىلە كېلىپ چىقىشى ھەم ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان 7 مىليون ئامېرىكا مۇسۇلمانلىرىنىڭ دۇنيا تىنچلىقى ئۇچۇن قوشۇۋاتقان تۆھپىسى ھەققىدە توختالدى.
ئۇ مۇسۇلمانلارغا بولغان كەمسىتىش سىياسىتىگە قارشى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەش بىلەن بىللە، مۇسۇلمان دۇنياسىنىمۇ ئامېرىكىغا بولغان كۆز قارىشىنى ياخشىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
باراك ھۈسەيىن ئوباما، مۇسۇلمان دۇنياسىدىكىلەرگە خىتاب قىلىپ،مۇسۇلمان دۇنياسىنىڭ ئامېرىكا بىلەن ئورتاق مەنپەئەت ۋە ئۆز - ئارا ھۆرمەت نۇقتىسىدىن تۇرۇپ دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتى ئۇچۇن بىرلىكتە تۆھپە قوشۇشقا چاقىردى.
باراك ھۈسەيىن ئوباما سۆزىدە يەنە 2012 - يىلدىن ئىلگىرى ئامېرىكىنىڭ ئىراقتىكى ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈرۈپ چىقىدىغانلىقىنى، ئەڭ قىسقا مۇددەت ئىچىدە گۈەنتانامو تۈرمىسىنى تاقايدىغانلىقىنى ۋەدە قىلدى.
