ئوباما ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسى قەسەم بېرىش مۇراسىمى ئۈچۈن ۋاشىنگتونغا يېتىپ كەلدى

ئامېرىكا پرېزىدېنتلىقىغا قەسەم بېرىپ، ۋەزىپە تاپشۇرۇۋېلىش ئالدىدا تۇرغان باراك ھۆسەيىن ئوباما ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسى 17 - يانۋار كۈنى پايتەخت ۋاشىنگتون شەھىرىگە يېتىپ كېلىپ ئورۇنلاشتى.

باراك ئوباما سەپىرىنى پېنسىلۋېينىيا شىتاتىنىڭ فىلادېلفىيە شەھىرىدىن باشلىغان بولۇپ، بۇ جەرياندا تۆت شەھەرنى بېسىپ ئۆتكەن. ئوباما ۋاشىنگتونغا قاراپ ئاتلانغان سەپىرىنى باشلاش ئالدىدا نۇتۇق سۆزلەپ، خەلقنىڭ ئۆزىنىڭ پرېزىدېنتلىق مۆھلىتى جەريانىدا زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئىلھاملاندۇرغان. مەلۇمكى، فىلادېلفىيە، ئامېرىكىنىڭ 1776 - يىلى مۇستەقىللىق خىتابنامىسى ئېلان قىلىپ، دۆلەت قۇرۇلغان خاتىرە ئەھمىيەتلىك شەھەردۇر.

باراك ئوباما ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسى پويىز بىلەن دەلۋىېر شىتاتىنىڭ ۋىلمىڭتون شەھىرىگە كەلگەندە، مۇئاۋىن پرېزىدېنت بايدىن ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسى پويىزغا چىقىپ، ئوباما بىلەن بىرگە پايتەختكە قاراپ ئاتلانغان. بايدىن سەپەرگە ئاتلىنىش ئالدىدا ئوخشاشلا ئاممىغا نۇتۇق سۆزلىگەن.

ئوباما ۋە بايدىن سەپىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ پايتەختكە يېتىپ كېلىپ، تۈرلۈك پائالىيەتلەرگە قاتناشماقتا. بۈگۈن يەنى يەكشەنبە كۈنى پايتەخت ۋاشىنگتوندا تۈرلۈك پائالىيەتلەر باشلانغان بولۇپ، دۆلەت مەجلىس بىناسىدىن ئانچە يىراق بولمىغان لىنكولىن سارىيى ئالدىدا كەڭ كۆلەملىك كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.

ئامېرىكا تارىخىدىكى ئەڭ مۇھىم ئەھمىيەتلىك بۇ قەسەم بېرىش مۇراسىمىنى كۆرۈش ئۈچۈن ئامېرىكىنىڭ ۋە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن سانسىزلىغان ئادەملەر پايتەختكە ۋاشىنگتونغا كېلىپ توپلانغان.

باراك ئوباما سەيشەنبە كۈنى رەسمىي قەسەم بېرىش مۇراسىمى ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ 44 - قېتىملىق پرېزىدېنتى بولۇپ، ئىش باشلايدۇ. بۇ ئامېرىكا تارىخىدا تۇنجى قېتىم قارا تەنلىك كىشىنىڭ پرېزىدېنت بولۇشى شۇنىڭدەك مەشھۇر ئىنسان ھوقۇقى ۋە قارا تەنلىكلەرنىڭ داھىيسى دوكتور مارتىن لۇتېر كىڭنىڭ 40 يىللار ئىلگىرىكى ئارزۇسىنىڭ ئەمەلگە ئاشقانلىقى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.