ئامېرىكىنىڭ سالامەتلىك سۇغۇرتا سىستېمىسىدا ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوبامانىڭ ئەڭ مۇھىم ئىچكى سىياسەت ئىش پىلانلىرىدىن بىرى بولۇپ، ئەگەر مەزكۇر پىلان يولغا قويۇلسا، بۇ ئامېرىكا قانۇنىدا نەچچە ئون يىللاردىن بېرى ئېلىپ بېرىلغان تۇنجى چوڭ ئىسلاھات بوپ قالىدىكەن.
ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ قارار لايىھىسىنى ئاۋازغا قويۇلۇشى، ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ 100 نەچچە يىلدىن بېرى تۇنجى قېتىم روژدېېستوۋا بايرىمى ھارپىسىدا يىغىن ئېچىشى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.
كېڭەش پالاتاسى لايىھىنى ماقۇللىغاندىن كېيىن ئوباما بۇ ھەقتە توختىلىپ، كېيىنكى قەدەمدە پىلاننى ئاۋام پالاتاسىدا ئاۋازغا قويۇپ، ئۇنىڭ بالدۇرراق قانۇنلىشىشى ئۈچۈن تىرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئوبامانىڭ ئىسلاھات پىلانى ئىشقا كىرىشىپ قالسا، ئامېرىكىدا شۇ تاپتا سۇغۇرتىسىز ياشاۋاتقان 31 مىليون ئامېرىكىلىق سۇغۇرتىغا ئېرىشىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، سۇغۇرتا شىركەتلىرىنىڭ باھانە كۆرسىتىپ كېسەللەرنى سۇغۇرتىغا قوبۇل قىلىشنى رەت قىلىشى چەكلىنىدۇ، يوقسۇل كىشىلەر دۆلەت ياردىمى ئارقىلىق سۇغۇرتىدىن بەھرىمان بولىدۇ.
ئەمما جۇمھۇرىيەتچى ئەزالار قانۇن لايىھىسىگە قارشى بولۇپ، بۇ لايىھىنىڭ راسخوتىنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى ۋە بۇنىڭ ئامېرىكا خەلقىنىڭ ئۈستىدىكى دۆلەت كونتروللۇقىنى ئاشۇرۇپ، شەخسى ئەركىنلىكىنى بوغۇپ قويىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.