ئوباما «سۈرىيە ئۆكتىچىلەرگە خىمىيىۋى قورال قوللانسا، ئامېرىكا ۋەزىيەتكە ئارىلىشىدۇ»

خىتاي ۋە رۇسىيىنىڭ توسقۇنلۇقى بىلەن، سۈرىيە خەلقىنىڭ بەشار ئەساد ھاكىمىيىتىگە قارشى ئۇرۇشى تېخىچە داۋاملاشماقتا.

ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشىدىكى پىكىر ئىختىلاپى سەۋەبىدىن ب د ت نىڭ سۈرىيە ۋەزىيىتىگە تەيىنلىگەن ئەلچىسى كوفى ئاننان يەكشەنبە كۈنى ۋەزىپىسىدىن ئايرىلغان ۋە سۈرىيىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقان ب د ت خىزمەت گۇرۇپپىسىمۇ يەكشەنبە كۈنى سۈرىيىدىن ئايرىلغان. شۇنىڭدىن كېيىن سۈرىيە ئارمىيىسى ئىسيانچىلارغا قارىتا ھۇجۇمىنى تېخىمۇ جىددىيلەشتۈرمەكتە.

سۈرىيە ۋەزىيىتىنىڭ تەرەققىياتىدىن ئەندىشە قىلغان ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما، ئالدىنقى كۈنى سۈرىيە ھۆكۈمىتىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئامېرىكىنىڭ ھازىرغا قەدەر سۈرىيە ۋەزىيىتىگە ئەسكىرىي جەھەتتىن ئارىلىشىشنى ئويلاشمىغانلىقىنى، ئەمما سۈرىيە ئارمىيىسى ئىسيانچىلارغا قارشى خىمىيىۋى قورال قوللانسا، ئۇ چاغدا ئامېرىكىنىڭ سۈرىيە ۋەزىيىتىگە ئەسكىرىي جەھەتتىن ئارىلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

سۈرىيە ئارمىيىسى بۈگۈن، دەمەشىقتىكى ئىسيانچىلار ماكانلاشتى، دەپ قارالغان جايلارنى بومباردىمان قىلىپ، يەنە 47 كىشىنى ئۆلتۈرگەن.