باراك ئوباما: خىتاي كېلىمات مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈشى كېرەك

ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما، "خىتاي كېلىمات مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈشى كېرەك" دېدى. باراك ئوباما خىتاينىڭ ئاتموسفېراغا قويۇپ بېرىۋاتقان پارنىك گازىنى ئازايتىش توغرىسىدىكى ۋەدىسىنى كېچىكتۈرۈشىگە قاراپ تۇرالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە "خىتاي چوڭ دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن دۇنيا ئالدىدىكى مەسئۇلىيىتىگە سەل قارىماسلىقى كېرەك " دەپ تەكىتلىگەن.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئوباما بۇ سۆزلەرنى ئاۋسترالىيىدىكى بىر تېلىۋىزىيە قانىلىنىڭ زىيارىتى جەريانىدا قىلغان. ئۇ سۆزىدە خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ مۇھىتنى قوغدىغان ئاساستا دۆلەتنى تەرەققىي قىلدۇرىدىغان بىر يولنى تاللىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتكەن.

ئوباما ئاۋسترالىيە تېلىۋىزىيە قانىلىغا قىلغان سۆزىدە يەنە، ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستاندا مەڭگۈ قالمايدىغانلىقىنى ۋە ۋاقتى كەلگەندە بۇ دۆلەتتىن ئەسكەر چېكىندۈرۈپ چىقىپ كېتىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.