ئوباما خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىشنى ئوتتۇرىغا قويدى

پرېزىدېنت باراك ئوباما، دۈشەنبە كۈنى ئامېرىكىنىڭ خىتاي بىلەن ئاكتىپ مۇناسىۋەت ئورنىتىش ئۈمىدى بارلىقىنى ئىپادىلىدى.

رويېتىرىس ئاگېنتلىقى، ئاقساراينىڭ باياناتچىسى روبېرت گىببىسنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، پرېزىدېنت ئوبامانىڭ خىتاينىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق يېڭى باش ئەلچىسى جاڭ يېسۇينى قوبۇل قىلغاندا، ئامېرىكىنىڭ خىتاي بىلەن تەيۋەن ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتتە تۇتقان مەيدانىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، بولۇپمۇ ئىككى دۆلەتنىڭ يادرو قوراللىرىنى بىكار قىلىش ۋە يەر شارى ئىقتىسادىنى ياخشىلاشقا دائىر جىددىي مەسىلىلەردە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى تەكىتلىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

يېقىنقى بىر قانچە ئايلاردىن بۇيان، ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودا ۋە دىپلوماتىيە مۇناسىۋەتلىرىدە سۈركىلىشلەر مەيدانغا كەلگەن بولۇپ، ۋاشىنگتوننىڭ تەيۋەنگە قورال سېتىپ بەرگەنلىكى، خەلق پۇلىنىڭ قىممىتى، ئىنتېرنېت ئەركىنلىكى شۇنىڭدەك دالاي لامانى قوبۇل قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەردە ئىككى دۆلەتنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئىختىلاپلار مەيدانغا كەلگەن ئىدى.