باراك ئوباما خىتايدىن پۇل قىممىتىنى تەڭشەشنى تەلەپ قىلدى

ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما بۈگۈن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىغا كەلگەن خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ بىلەن ئۇچراشقان. ئۇچرىشىشتا باراك ئوباما خىتاينىڭ پۇل قىممىتىنى ئۆزگەرتىشنى قايتا تەلەپ قىلغان.

ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىككى تەرەپنىڭ ئۇچرىشىشىدا ئامېرىكا ۋە خىتاي ئارىسىدىكى سودا ۋە پۇل قىممىتى مەسىلىسى سۆھبەتتىكى ئەڭ مۇھىم تېما بوپقالغان. باراك ئوباما ۋېن جياباۋغا خىتاينىڭ پۇل قىممىتى سىياسىتىدە قىسقا مۇددەت ئىچىدە ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىشى كېرەكلىكىنى، ئىككى تەرەپ ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ دۇنيا ئىقتىسادىي ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىملىقىنى، ئەمما ئۇنىڭدا تېخى نۇرغۇن بوشلۇقلارنىڭ بارلىقىنى ئېيتقان.

يېقىندىن بۇيان مەيلى خىتاينىڭ پۇل قىممىتى مەسىلىسى بولسۇن، مەيلى ئىران ۋە شىمالىي كورىيىنىڭ يادرو مەسىلىسى، مەيلى جەنۇبىي جۇڭگو دېڭىزىنىڭ تەۋەلىك مەسىلىسىدە بولسۇن ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئارىسىدا توختىماي ئىختىلاپ پەيدا بولماقتا.

خىتاي دائىرىلىرى، ئەگەر ئامېرىكا بېسىم ئىشلەتكەن تەقدىردە بۇنىڭ ئەكس تەسىر پەيدا قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئاق ساراي 20 - چېسلادىكى باياناتىدا ئامېرىكىنىڭ ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى ۋە خىتاينىڭ پۇل قىممىتى مەسىلىسىدە خىتايغا قاراتقان بېسىمنى ئاشۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى جۈمە كۈنى خىتايغا قارىتا بېسىمنى ئاشۇرىدىغان ۋە ئۇنى پۇل قىممىتىنى قايتا تەڭشەشكە مەجبۇرلايدىغان بىر يېڭى قانۇن لايىھىسىنى ئاۋازغا قويىدىكەن.