فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ نەقىل قىلىشىچە، ئوباما مۇنداق دېدى: "مەن ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى جاكارلىغان سىياسەتكە جىددىي مۇئامىلە قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن."
20 دۆلەت ئالىي دەرىجىلىكلەر ئۇچرىشىشى باشلىنىشتىن بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى خىتاي مەركىزىي بانكىسى خىتاي پۇلىنىڭ ئالماشتۇرۇش قىممىتىنى مۇئەييەن دەرىجىدە ئۆستۈرۈدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى خەلق پۇلىنىڭ ئالماشتۇرۇش قىممىتىنى قەستەن تۆۋەن تۇتۇش ئارقىلىق خەلقئارادا ئادالەتسىز بازار رىقابىتى ياراتقان ۋە خىتاي ماللىرىنىڭ ئېكسپورت مىقدارىنى ئاشۇرغان. شۇ سەۋەبىدىن ئامېرىكا -خىتاي سودا ئالاقىسىدا ئامېرىكا تەرەپتە نەچچە يۈز مىليارد دوللار قىزىل رەقەم كۆرۈنۈپ كەلمەكتە ئىدى.
ئوباما ئامېرىكىغا مال ئېكسپورت قىلىدىغان دۆلەتلەرگە قارىتىپ مۇنداق دېدى: "دۇنيادىكى ھېچقانداق بىر دۆلەت ئۆز دۆلىتىنىڭ گۈللىنىش يولىنى ئامېرىكىغا مال ئېكسپورت قىلىش ئارقىلىق ياسايمىز دەپ خىيال قىلماسلىقى كېرەك. مەن شۇنى روشەن ئوتتۇرىغا قويدۇمكى، بىز خىزمەت، سانائەت ۋە كەلگۈسى بازارلىرىمىز ئۈچۈن قاتتىق رىقابەتلىشىمىز."
ئوباما يەنە، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ئالماشتۇرۇش قىممىتى بازار ئارقىلىق تەڭشىلىدىغان پۇلنىڭ بولۇشىنى شەرت قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
ھالبۇكى خىتاي دائىرىلىرى "خەلق پۇلىنىڭ ئالماشتۇرۇش قىممىتىنى ئۆستۈرۈش دۇنيا ئىقتىسادىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە كۆپ رول ئوينىمايدۇ" دېگەن مەيدانىدا چىڭ تۇرۇپ كەلمەكتە.