خىتاي دېموكراتلىرى ئوبامادىن خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە كۆڭۈل بۆلۈشنى تەلەپ قىلدى

ئامرىكىدىكى خىتاي دېموكراتىك ھەرىكىتى كادىرلار مەكتىپىنىڭ 200 دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىسى تۈنۈگۈن نيۇيوركتا، خىتاينىڭ ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دېموكراتچىلارنى باستۇرۇشنى تېخىچە توختاتمىغانلىقغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى.

بوشۈن تور گېزىتىنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ نامايىشتا نۇتۇق سۆزلىگەنلەرنىڭ ھەممىسى بىردەكلا، پات‏ - ئارىدا خىتاينى زىيارەت قىلىدىغان ئامېرىكا پرېزىدېنتى بارەك ئوبامادىن، خىتايدا داۋام قىلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە كۆڭۈل بۆلۈشنى تەلەپ قىلدى.

بۇ نامايىشتا شەرقىي شىماللىق كورىيان ئوقۇغۇچىلار ۋەكىلىنىڭ قىلغان سۆزى ناھايىتى جانلىق بولدى. ئۇ قىلغان سۆزىدە، خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا يېڭى زېلاندىيىدىن ۋەتەنگە قايتقان 60 ياشلىق دېموكراتىيە پائالىيەتچىسى جاجا ئەپەندىنى قولغا ئالغانلىقى، ۋەتەن ئىچىدىمۇ دېموكراتىك پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان كىشىلەر زور بەدەل تۆلەشكە يۈزلەنگەنلىكى، خىتاينىڭ ئاساسىي قانۇنى ئاساسىدا دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرگەن ليۇ شاۋبودەك ئەربابلارنىڭ تېخىچە تۈرمىدە يېتىۋاتقانلىقىدىن ئىبارەت نەق پاكىتلارنى كۆرسەتتى.