خۇ جىنتاۋ بىلەن ئوباما كۆرۈشكەندە ئۇيغۇر مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى

ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما بىلەن خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ چارشەنبە كۈنى نيۇ يوركتىكى ب د ت يىغىنى ئارىلىقىدا كۆرۈشۈپ، تەيۋەن، تىبەت ۋە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ۋەزىيىتىنى سۆزلەشكەن.

خۇ جىنتاۋ ئوبامانىڭ خىتاي - ئامېرىكا ئارىسىدىكى نازۇك مەسىلىلەرنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئامېرىكا تەرەپنىڭ خىتاينى چۈشىنىشىنى تەلەپ قىلغان.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا خۇ جىنتاۋ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇرغاندا ئامېرىكا تەرەپنىڭ خىتاي دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن قوللانغان تەدبىرلىرىنى چۈشىنىشىنى، شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ ئامېرىكىدا خىتايغا قارشى پائالىيەت ئېلىپ بېرىشىغا يول قويماسلىقنى تەلەپ قىلغان.

خەۋەرلەردە يەنە خۇ جىنتاۋنىڭ تەيۋەن، تىبەت ۋە شىنجاڭ مەسىلىسى جوڭگونىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلە، بۇ بىر مىليارد 300 مىليون خىتاي خەلقىنىڭ مىللى ھېسسىياتىغا چېتىلىدۇ، دېگەنلىكىنى يازدى. لېكىن، ئوباما ئامېرىكىنىڭ يۇقىرىقى مەسىلىلەردىكى ئىزچىل مەيدانىنى تەكىتلىگەن شۇنداقلا ئۆزىنىڭ 11 ‏- ئايدا خىتاينى زىيارەت قىلىشنى كۈتۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، تەرەپلەر بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشىدا مەركەزلىك ئىران، شىمالىي كورىيە ۋە يەر شارى ھەم رايون خاراكتېرلىك مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلغان.

ئانالىزچىلارنىڭ ئەسكەرتىشىچە، بۇ ئامېرىكا پرېزىدېنتىنىڭ خىتاي رەھبىرى بىلەن ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ب د ت كۈنلۈكى ئاستىدا تۇنجى قېتىم مۇزاكىرە قىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.