ئوباما بىلەن خۇ جىنتاۋ ئۇچراشتى

تورونتودا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان 20 دۆلەت گۇرۇھى يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما بىلەن خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ ئۇچرىشىپ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇرغان.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پرېزىدېنت باراك ئوباما خۇ جىنتاۋنى ئامېرىكىنى زىيارەت قىلىشقا تەكلىپ قىلغان بولۇپ، خۇ جىنتاۋ بۇنىڭغا رازىلىق بىلدۈرگەن.

تورونتودىكى ئۇچرىشىش نەتىجىسى سۈپىتىدە ئوباما بىلەن خۇ جىنتاۋ بىرلىكتە مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن بولۇپ، خۇ جىنتاۋ جۇڭگونىڭ ئامېرىكا بىلەن بولغان قويۇق مۇناسىۋەتنى تەرەققى قىلدۇرۇشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پرېزىدېنت باراك ئوباما بىلەن خۇ جىنتاۋنىڭ بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى ئۈچۈن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، يېقىندىن بۇيان ئىككى دۆلەت ئارىسىدا خەلق پۇلىنىڭ قىممىتى مەسىلىسى، سودا بالانسى مەسىلىسى ۋە ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە قورال سېتىپ بېرىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قاتار مەسىلىلەردىكى ئىختىلاپلار كۈچەيگەن ئىدى.