ئوباما ياۋروپا زىيارىتىنى باشلىدى

ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما، سەيشەنبە كۈنى ۋاشىنگتوندىن ئايرىلىپ، ۋەزىپە ئۆتەشكە باشلىغاندىن بۇيانقى تۇنجى ياۋروپا زىيارىتى ئۈچۈن يۈرۈپ كەتتى.

ئوبامانىڭ ياۋروپا زىيارىتىنىڭ بىرىنچى بېكىتى بېرىتانىيە. ئوباما سەككىز كۈنلۈك بۇ زىيارىتى داۋامىدا لوندوندا يىگىرمە دۆلەت ئالىي رەھبەرلىرى يىغىنىغا قاتناشقاندىن كېيىن، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچرىشىدۇ.

بۇ ئوبامانىڭ ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى رەھبىرى سۈپىتى بىلەن تۇنجى قېتىم دۇنيا سىياسىي سەھنىسىدە كۆرۈنىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. شۇنداقلا بۇ جەرياندا بەش دۆلەتتە زىيارەتتە بولىدۇ. ئاق ساراي ئۇچۇرلىرىغا قارىغاندا ئوباما لوندوندا يىغىنغا قاتنىشىش جەريانىدا يەنە رۇسىيە، خىتاي، ھىندىستان، سەئۇدى ئەرەبىستان رەھبەرلىرى بىلەن ئايرىم سۆھبەتلەر ئۆتكۈزۈشنى پىلانلىغان.

ئوباما يىگىرمە دۆلەت ئالىي رەھبەرلىرى يىغىنىدا ئۆزىنىڭ يېڭىچە ھاكىمىيەت باشقۇرۇش ئۇسۇلى ۋە ئىقتىسادنى تىرىلدۈرۈش تاكتىكىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ ھەمدە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش مەسئۇلىيىتى شۇنىڭدەك دۇنيا ئىقتىسادىي كرىزىسىنى ھەل قىلىش توغرۇلۇق باشقا دۆلەت رەھبەرلىرى بىلەن پىكىرلىشىشكە قاتنىشىدۇ.

ئوبامانىڭ بۇ قېتىمقى ياۋروپا زىيارىتى يەنە، ئامېرىكا رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرىدە كۆرۈلگەن ئىختىلاپلارنى ھەل قىلىش، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىدىن ئافغانىستانغا يەنىمۇ كۆپ ئەسكەر ئەۋەتىشنى تەلەپ قىلىش، ياۋروپا بىرلىكى رەھبەرلىرى يىغىنىغا قاتنىشىش قاتارلىقلارنى مەقسەت قىلغان. ئوبامانىڭ ياۋروپا زىيارىتىنىڭ ئاخىرقى بېكىتى تۈركىيە.