ئۆكتەبىر ئىنقىلابى تېررورلۇق سىياسىي ئۆزگىرىشمۇ ياكى دېموكراتىك ئۆزگەرتىشمۇ؟

بۇ يىل 11 - ئاينىڭ 7 - كۈنى رۇسىيىنىڭ ئۆكتەبىر ئىنقىلابى يۈز بەرگەنلىكىنىڭ 93 يىللىقى شۇنىڭدەك سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ دۆلەت بايرىمى كۈنىدۇر. گەرچە، رۇسىيە ھۆكۈمىتى بۇ كۈننى خاتىرىلەشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇۋەتكەن بولسىمۇ، بىراق رۇسىيە كوممۇنىستلىرى يەنىلا ئۇنى خاتىرىلەشنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە.

7 - نويابىر كۈنى رۇسىيە كومپارتىيىسى پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا ئۆكتەبىر بايرىمىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئېلىپ بارغان. ھەتتا، ئۇكرائىنىيە، بېلارۇسىيە ۋە باشقا جۇمھۇرىيەتلەردىكى كوممۇنىستلارمۇ خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزگەن.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، موسكۋادىكى كوممۇنىستلار لېنىننىڭ خاتىرە سارىيىغا بېرىپ، ئۇنىڭغا گۈلچەمبىرەك قويغان. موسكۋادا ئۆتكۈزۈلگەن خاتىرە نامايىشىغا 3 مىڭ ئەتراپىدا ئادەم قاتناشقان. ئەمما، رۇسىيىنىڭ "گازېتا.رۇ" تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 6 - نويابىر كۈنى موسكۋادىكى 2 - جاھان ئۇرۇشى قۇربانلىرى خاتىرە مەيدانىدا 1000 دىن ئارتۇق رۇسىيە ئارمىيىسىنىڭ سابىق ۋە ھازىر ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان پاراشۇتچى قىسىم ئەسكىرى نامايىش قىلىپ، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرىنى ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بېرىشكە چاقىرغان. لېكىن بۇ نامايىش ئۆكتەبىر بايرىمى بىلەن مۇناسىۋەتسىز ئىكەن.

سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن تارتىپ تاكى ھازىرغىچە رۇسىيە جەمئىيىتىدە 1917 - يىلىدىكى ئۆكتەبىر ئۆزگىرىشىنى رۇسىيە كوممۇنىستلىرىنىڭ رۇسىيىدە قانلىق ئىچكى ئۇرۇش كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، مىليونلىغان بىگۇناھ ئىنسانلارنىڭ جېنىغا زامىن بولغانلىق بىلەن ئەيىبلەش خاھىشلىرى ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن.

رۇسىيە دېموكراتلىرى لېنىن - ستالىن باشچىلىقىدىكى كوممۇنىستلارنى كوپىراتسىيىلەشتۈرۈش، سانائەتلەشتۈرۈش، خەلق دۈشمەنلىرىنى تازىلاش دېگەندەك ھەرىكەتلەر بىلەن مىليونلىغان ئىنسانلارنىڭ ئۆلۈمى ۋە خانىۋەيران بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش بىلەن ئەيىبلەپ، ئۆكتەبىر ئىنقىلابىنى"تېررورلۇق ئىنقىلابى" دەپ چۈشەندۈرمەكتە.