كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، جۇ يۈيفۇ تۈرمىدىكى خىتاي ئۆكتىچىلىرىنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا ئىئانە توپلاش، شېئىر يېزىپ، خەلقنى نامايىش قىلىش، ئەركىنلىك تەلەپ قىلىش ۋە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىشقا قۇتراتقۇلۇق قىلىش قاتارلىق قىلمىشلارنى سادىر قىلىش بىلەن ئەيىبلەنگەن.
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مەزكۇر قارارى خىتاي مۇئاۋىن دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ دەل ئامېرىكىنى زىيارەت قىلىدىغان ۋە شۇنداقلا ئامېرىكا مۇئاۋىن پرېزىدېنتى بايدېن ئامېرىكىدىكى بەزى خىتاي كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاينى كىشىلىك ھوقۇقنى ياخشىلاشقا چاقىرغان پەيتكە توغرا كەلگەن ئىدى. ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقى شۇ كۈنى جۇ يۈيفۇ مەسىلىسىگە دەرھال ئىنكاس قايتۇرۇپ، جۇ يۈيفۇنىڭ قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەردىن چوڭقۇر ئەندىشە قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ۋېكتورىيە نۇلاند «بىز داۋاملىق خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنىڭ ناچارلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىدىن، جۈملىدىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پائالىيەتچىلىرىنى ئېغىر قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىۋاتقانلىقى ۋە تىبەتتىكى زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىدىن تېخىمۇ چوڭقۇر ئەندىشە تۇيماقتىمىز» دېگەن.
جۇ يۈيفۇ، ئۆتكەن يىلى «ياسىمەن ئىنقىلابى» ئېلىپ بېرىش چاقىرىقىنى باستۇرۇش ھەرىكىتىدە قولغا ئېلىنغان ئىدى. بىراق، بۇ جۇ يۈيفۇنىڭ تۇنجى قېتىم قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشى ئەمەس. ئۇ 1999-يىلدىن 2006-يىلىغىچە «ھۆكۈمەتكە قارشى پىكىردىكى ژۇرنال نەشر قىلىش» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ، بىر قېتىم تۈرمىدە ياتقان. 2007-يىلى يەنە بىر قېتىم 2 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى.