خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆكتىچى تور يازغۇچىلىرىدىن يەنە بىر كىشىنى قولغا ئالدى

خىتاي ساقچى دائىرىلىرى توردا ماقالە يېزىپ، كومپارتىيە ھۆكۈمرانلىقىنى تەنقىد قىلىپ كېلىۋاتقان ئۆكتىچى يازغۇچىلاردىن رەن يۈنفېينى قولغا ئالغان.

كۆزەتكۈچىلەر بۇ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۆتكەن ھەپتە سىچۈەنلىك ئۆكتىچى زاتلاردىن ليۇ شيەنبىنغا 10 يىللىق قاماق جازاسى بەرگەندىن كېيىن ئېلىپ بارغان، ئۆكتىچىلەرگە قارشى تۇرۇش يولىدىكى يەنە بىر باستۇرۇش ھەرىكىتى، دەپ كۆرسەتمەكتە.

خەۋەرلەردىن ئاشكارىلىنىشىچە، بۇ يىل 46 ياشلاردىكى يازغۇچى رەن يۈنفېينىڭ 20-فېۋرالدا چېڭدۇ شەھەرلىك ساقچى دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇنغا ئۇچراپ، بىر ئايدىن بېرى ھېچقانداق سوئال-سوراقسىز تۇتۇپ تۇرۇلغاندىن كېيىن، دۈشەنبە كۈنى رەسمىي قولغا ئېلىنغانلىقى ئېلان قىلىنغان.

رەن يۈنفېينىڭ دوست -يارەنلىرىنىڭ رويتېرس ئاگېنتلىقىغا ئاشكارىلىشىچە، دائىرىلەر رەن يۈنفېينى «ھاكىمىيەتنى ئاغدۇرۇشقا قۇتراتقۇلۇق قىلىش» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىگەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئايالى دۈشەنبە كۈنى قولغا ئېلىش بۇيرۇقىنى تاپشۇرۇۋالغان.

«ھاكىمىيەتنى ئاغدۇرۇشقا قۇتراتقۇلۇق قىلىش جىنايىتى» خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دائىم سىياسىي ئۆكتىچىلەرنى باستۇرىدىغان ئەڭ ئۆتكۈر قوراللىرىنىڭ بىرى بولۇپ كەلگەن بولۇپ، خىتاي تۈرمىسىدىكى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ساھىبى ليۇ شاۋبو، ئۇيغۇر يازغۇچى نۇرمۇھەممەت ياسىن قاتارلىق مەشھۇر شەخسلەر ۋە يازغۇچىلار خىتاي جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ مەزكۇر ماددىسىغا ئاساسەن جازاغا تارتىلغان ئىدى.

خىتاي ئەدلىيە سىستېمىسىنى تەنقىد قىلغۇچىلار، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر ماددىدىن پايدىلىنىپ، «پىكىر ئەركىنلىكىنى جىنايى قىلمىش ئورنىدا جازالاۋاتقانلىقى» نى ئىلگىرى سۈرمەكتە. يازغۇچى رەن يۈنفېي سىچۈەندىكى بىر ئەدەبىي ژۇرنالنىڭ مۇھەررىرى بولۇپ، ۋەقەدىن خەۋەردار كىشىلەر خىتاي تەپتىش دائىرىلىرىنىڭ رەن يۈنفېي توردا ئېلان قىلغان ماقالىلەرنى «جىنايى پاكىت» ئورنىدا قوللىنىشىدىن شۈبھىلەنمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئوتتۇرا شەرقتىكى دۆلەتلەردە پارتلىغان «ياسىمەن گۈلى» ئىنقىلابىنىڭ خىتايغا تۇتۇشۇپ كېتىشىدىن قورقۇپ، ئۆكتىچى زاتلارنى تۇتقۇن قىلىش، ئۆكتىچى تور بەتلىرىنى تاقاشنى جىددىيلەشتۈرگەن ئىدى. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان ۋە نەزەربەند ئاستىغا ئېلىنغان ئۆكتىچى زاتلار 100 دىن ئاشىدىكەن.