خىتاي 2010-يىلى «مىڭلىغان» كىشىنى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى دۈشەنبە كۈنى دوكلات ئېلان قىلىپ، 2010‏-يىلى خىتايدا «مىڭلارچە» كىشىنىڭ ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن يەر شارى بويىچە ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ ئىجرا قىلىنغان كىشىلەرنىڭ سانى ئازايغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەركىزى لوندوندىكى خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ، ئىجرا قىلىنغان كىشىلەرنىڭ سانىنى دۆلەت مەخپىيەتلىكى ھېسابلاپ ئېلان قىلمىسىمۇ، لېكىن شۇ يىلى ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنغانلارنىڭ سانى «مىڭلارچە» كىشىگە يېتىدىكەن.

دوكلاتتا 2010-يىلى ئىراندا 252 كىشىگە ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنغانلىقى، شىمالى كورىيىدە 60، يەمەندە 53، ئامېرىكىدا 46، سەئۇدى ئەرەبىستاندا 27 ئادەمگە ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، لېكىن بۇ بىر يىلدا خىتاينىڭ ئۆزىدىن ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنغان مەھبۇسلارنىڭ توپلام سانى، يەر شارى بويىچە ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنغان مەھبۇسلارنىڭ توپلام سانىدىنمۇ كۆپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ مەزكۇر دوكلاتى خىتاي ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ 7 نەپەر ئۇيغۇرغا سىياسىي سەۋەبلەردىن بېرىلگەن ئۆلۈم جازاسىنى تەستىقلاپ، بىر ھەپتىدىن كېيىن ئېلان قىلىندى. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خىتايدىكى سىياسىي مەھبۇسلارغا ئۆلۈم جازاسى ھۆكۈم قىلىنىدىغان بىردىن‏-بىر رايون بولۇپ، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلىرىغا قانۇننى چېكىدىن ئاشۇرۇپ تەتبىقلاش بىلەن تەنقىدلەپ كەلگەن ئىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭدىن بۇرۇن خىتاي جىنايى ئىشلار جازا قانۇنىدىكى ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدىغان جىنايەت تۈرلىرىنى 70 نەچچىدىن 50 نەچچىگە ئازايتقان.

خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرى تەرىپىدىن قارشى ئېلىنغان ئىدى. لېكىن، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ دۈشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان دوكلاتىدا ئەسكەرتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆلۈم جازاسى بېرىشنى بىكار قىلغان جىنايەت تۈرلىرى بولسا، يېقىنقى يىللاردىن بېرى ئۆلۈم جازاسى ناھايىتى ئاز تەتبىقلىنىۋاتقان جىنايەت تۈرلىرى ئىكەن.