دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ئوبۇلقاسىم ئۆمەرنى بۇ يىل 2 - ئاينىڭ 24 - كۈنى قولغا ئالغان. 4 - ئاينىڭ 6 - كۈنى يەكەن ناھىيىلىك ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى ئوبۇلقاسىم ئۆمەر ئۈستىدىن سوت ئېچىپ ئۇنىڭغا ئۆلۈم جازاسى بەرگەن. ئۇنىڭغا بېرىلگەن ئۆلۈم جازاسى شۇ كۈنى دەرھال ئىجرا قىلىنغان.
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئوبۇلقاسىم ئۆمەر 2 - ئاينىڭ 24 - كۈنى يەكەندە ۋەقە چىقىرىپ، بىر خىتاينىڭ ئۆلۈشىگە ۋە بىر قانچە كىشىنىڭ يارىلىنىشىغا سەۋەبچى بولغان. دىلشات رىشىت ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شۇ كۈنى سىياسىي ئىختىلاپلار تۈپەيلىدىن ئوبۇلقاسىم ئۆمەر بىلەن بىر قانچە خىتاينىڭ ئارىسىدا تالاش - تارتىش يۈز بەرگەن. كېيىن ئىش چوڭىيىپ ئۆلۈم ۋەقەسى مەيدانغا كەلگەن.
دىلشات رىشىت ئەپەندى يەنە، 5 - ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان بېسىمنى ئاشۇرۇپ، ئىككى مىللەت ئارىسىدىكى زىددىيەتنى تېخىمۇ ئۆتكۈرلەشتۈرۈۋەتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.