ئۇلار ئۆتكەن جۈمە كۈنى تۈركىيىدە ئېچىلىدىغان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ساھىپخانلىقىدىكى بىر يىغىنغا قاتناشماقچى بولۇپ يولغا چىققان ئىدى. لېكىن، ئۇلار دەل ئايروپىلانغا چىقىش ئالدىدا توسۇۋېلىنغان بولۇپ، دائىرىلەر ئۇلارنىڭ ئۇچۇشى چەكلەنگەن كىشىلەر تىزىملىكىدە ئىسمى بارلىقىنى ۋە شۇ سەۋەبلىك ئايروپىلانغا چىقىشىغا بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۆمەرجان ۋە ئەكبەرجان ئاكا-ئۇكىلار دۈشەنبە كۈنى پاكىستان ساقچى ئورگانلىرىغا بېرىپ، بۇنىڭ سەۋەبىنى سۈرۈشتۈرسە، دائىرىلەر ئۇلارغا پاكىستاندىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ تەلىپىگە بىنائەن ئۇچۇش چەكلىمىسى قويۇلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپى پاكىستاندا ياشايدىغان 2-ئەۋلاد ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن 2008-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، مەزكۇر تەشكىلات قۇرۇلغاندىن بۇيان ھەر خىل مەدەنىي، ئىجتىمائىي ۋە خەير-ساخاۋەت ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن ئىدى.
لېكىن مەزكۇر ۋەخپىنىڭ پائالىيىتى خىتاي ئەلچىخانىسىنى بىئارام قىلىپ، خىتاي ئەلچىخانا خادىملىرى تۈرلۈك دىپلوماتىك ۋە ئىجتىمائىي ۋاسىتىلەر بىلەن مەزكۇر ۋەخپىنىڭ پائالىيىتىنى چەكلەشكە تىرىشقان. ھەتتا ئۇلار پاكىستاندىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئۆمەر ۋەخپىنىڭ پائالىيىتىگە قاتناشماسلىقنى تەلەپ قىلغان ئىدى. ئىگىلىشىمىزچە، ئۆمەرجان ۋە ئەكبەرجان ئاكا-ئۇكىلار سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلىپ، پاكىستان ئامانلىق دائىرىلىرى ئۈستىدىن شىكايەت قىلىشنى قارار قىلغان.