يورك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ چارشەنبە كۈنى چىقارغان ئېلانىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خەلقئارا ئاياللار كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلىپ بېرىلىدىغان خاتىرىلەش پائالىيىتىنى يورك ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، پائالىيەتتە دۇنيادىكى ئاياللارنىڭ مەسىلىلىرى، ئىنسان تىجارىتى مەسىلىسى ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىگە ئائىت مەزمۇنلار سۇنۇلىدىكەن.
پائالىيەت جەريانىدا «مۇھەببەتنىڭ ئون شەرتى» ناملىق فىلىممۇ قويۇلىدىغان بولۇپ، فىلىم ھەققىدە بېرىلگەن تونۇشتۇرۇشتا «مۇھەببەتنىڭ ئون شەرتى، ئۆز ۋەتىنىنى شەرقىي تۈركىستان دەپ ئاتايدىغان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھوقۇقى ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان بىر ئايال تونۇشتۇرۇلغان بىر فىلىم. رابىيە قادىر خانىم 6 يىلىنى خىتاي تۈرمىلىرىدە ئۆتكۈزگەن. ئۇ نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا نامزات كۆرسىتىلگەن» دەپ يېزىلغان.
ئىگىلىنىشىچە، كانادادىكى يورك ئۇنىۋېرسىتېتى ھەر يىلى 8-مارتتا ئاياللار كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئاياللار ھوقۇقى، ئۇلار يولۇقۇۋاتقان مەسىلىلەر ۋە شۇنداقلا ئۇنى ھەل قىلىشنىڭ يوللىرىنى تېما قىلغان ھالدا پائالىيەت ئۆتكۈزۈپ كەلگەن بولۇپ، رابىيە قادىر خانىمنىڭ فىلىمى 8-مارت كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 5:30 دا ئۇنىۋېرسىتېت پائالىيەت مەركىزىدە قويۇلىدىكەن.